باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ گائوك ۋە لاگارېت بىلەن كۆرۈشتى

2016.03.23 15:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلسىى لى كېچياڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ئېلىمىزگە زىيارەتكە كەلگەن گېرمانىيە زۇڭلىسى گائوك ۋە خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ لىدىرى لاگارېت بىلەن كۆرۈشتى.

  لى كېچياڭ گائوك بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ ئىقتىسادى ھەمكارلىقى كۈنسېرى قويۇقلاشماقتا، ئۆز-ئارا ئايرىلالمايدىغان قېلىپ شەكىللەندى. بىز گېرمانىيە بىلەن سودا، مەبلەغ سېلىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگونىڭ 2025-يىلىغىچە بولغان ياسىمىچىلىقى ۋە گېرمانىيەنىڭ 4.0 سانائەت ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، گېرمانىيەنىڭ ئىلغار تېخنىكىسى بىلەن جۇڭگونىڭ ئىقتىدار باھا نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى، مەلۇم رىقابەت كۈچىگە ئىگە ئۈسكۈنىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، قول تۇتۇشۇپ 3-تەرەپ بازىرى ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشنى خالايمىز. مەن زۇڭلى مېركىلنىڭ بۇ يىل ئىچىدە جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشى ۋە 4-نۆۋەتلىك جۇڭگو گېرمانىيە ھۆكۈمەتلىرى كېڭىشىگە قاتنىشىپ، جۇڭگو گېرمانىيە مۇناسىۋىتى ۋە ھەمكارلىقى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇشىنى قارىشى ئالىمەن.

  گائوك مۇنداق دېدى: گېرمانىيە جۇڭگو بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تونۇشىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى، ھەرقايسى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆز-ئارا چۈشىنىش ۋە ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى، يۇقىرى پەن تېخنىكا، يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، مائارىپ، تەنتەربىيە قاتارلىق ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى كېڭەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ گېرمانىيە جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  لى كېچياڭ گېرمانىيە پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ لىدىرى لاگارېت بىلەن كۆرۈشۈپ، پۇل مۇئامىلە بازىرى سىياسىتى ئۈستىدە توختالغاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو دۇنيادا پۇل ئۇرۇشى كېلىپ چىقىشنى قۇۋەتلىمەيدۇ، بۇ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشىگە پايدىسىز. بىز پۇلنىڭ قىممىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ئېكسپورتنى قوزغاتمايمىز، بۇنداق قىلىش جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىسىز. جۇڭگو پۇل مۇئامىلە بازىرى ئىسلاھاتى ۋە قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىدۇ، مۇستەقىل، پەيدىن-پەي ئىلگىرىلەيدىغان، كونترول قىلىشقا بولىدىغان پىرىنسىپتا چىڭ تۇرىدۇ. خەلق پۇلىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىدە مېخانىزم شەكىللەندۈرۈش ئىسلاھاتىنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرىدۇ. جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى ئاساسى ۋە پۇل مۇئامىلىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، خەلق پۇلىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىنى مۇۋاپىق دائىرىدە قوش يۆلىنىشلىك تۇراقسىزلاشتۇرىدۇ، مۇۋاپىق تەڭپۇڭ سەۋىيەدىكى ئاساسىي مۇقىملىقىنى ساقلايدۇ.

  لاگارېت مۇنداق دېدى: جۇڭگو يېقىنقى مەزگىلدە خەلق پۇلىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى قاتارلىق مەسىلىلەردە تاشقى سىياسەت ۋە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ مول ئۈنۈمگە ئېرىشتى، خەلقئارا بازارنىڭ ئىشەنچىسىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرغانلىقىنى قۇۋۋەتلەيدۇ، جۇڭگو بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، بازارغا داۋاملىق ئىجابىي سىگنال بېرىشنى خالايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر