باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«يىپەك يولى» ناملىق 2016-يىللىق نورۇزلۇق مىللىي سېمفونىيە كېچىلىكى ئورۇندالدى

2016.03.23 17:11         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى ئۇيۇشتۇرغان، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان «يىپەك يولى» ناملىق 2016-يىللىق نورۇزلۇق مىللىي سېمفونىيە كېچىلىكى 21-مارت كەچ شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىدا ئورۇندالدى.

  كېچىلىك «بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي» مۇزىكىسى ئىچىدە باشلاندى. ئەرخۇ، ساتارلار بىلەن ئورۇندالغان «گۈل نېمىشقا شۇنچە قىزىل» مۇزىكىسى كېچىلىكنى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈردى. ئويۇن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، تاماشىبىن مۇھەررەم تۇراق مۇنداق دېدى: «مۇشۇنداق كاتتا كېچىلىككە كېلىپ بەك خۇش بولدۇم. بۈگۈن ھەم نورۇز بايرىمى، كېچىلىكنىڭ تەييارلىقى ناھايىتى ياخشى، ھەممىسى بىز ئادەتتە ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان كەسپچانلىقى، قىيىنچىلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى مۇزىكىلار ئىكەن.

  سېمفونىيە كېچىلىكىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى داڭلىق دېرىژورلار ۋە ئارتىسلار بولغاندىن سىرت، شاڭخەي مىللەتلەر ئوركىستىرى، مەركىزىي مىللەتلەر ئوركىستىرىدىكى داڭلىق دېرىژورلار ۋە ئارتىسلار تەكلىپ قىلىندى. سېمفونىيە كېچىلىكىنىڭ دېرىژورلۇقىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان شاڭخەي مىللەتلەر ئوركىستىرىنىڭ سەنئەت نازارەتچىسى ۋاڭ پۇجيەن مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى كاتتا كېچىلىك ئارقىلىق نورۇز بايرىمىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قەلبىدىكى ئورنىنى چۈشىنىپ يەتتىم. بۇ قېتىم، شىنجاڭدىكى كەسپداشلار بىلەن بىرلىكتە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بايراملىق خۇشاللىق ئېلىپ كەلگىنىمدىن خۇشالمەن».

  شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى مىللىي ئوركېستىرىنىڭ باشلىقى بەختىيار ئابدۇۋاھىد تۇنۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «سېمفونىيە كېچىلىكىدە، 20 نەچچە خىل مىللىي چالغۇ بىلەن زامانىۋى چالغۇ بىرلىكتە ئورۇندىلىپ، يىپەك يولى مۇزىكا مەدەنىيىتىنىڭ سىھرىي كۈچى نامايان قىلىندى. بۇ مەيدان كېچىلىكنىڭ بەدىئىي سەۋىيەسى ئىلگىرىكىدىن خېلىلا يۇقىرى بولدى. چارتار بىلەن راۋاپ، ئەرخۇ بىلەن ساتار، باربىت بىلەن تەمبۇر، ئوخشاش بولمىغان مىللەتلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان چالغۇلىرى ئوخشاش بىر كۈينى ياڭراتتى. بۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سەھنىلىرىدە كۆرۈلۈپ باقمىغان بولۇپ، تاماشىبىنلارغا يېڭىچە، ئۆزگىچە تۇيغۇلارنى ئاتا قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر