باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاشخانا قاتارلىق تۆت ئورۇننىڭ تازىلىق ئىجازەتنامىسى بىكار قىلىنىدۇ

يېمەكلىك ۋە دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى يېمەك-ئىچمەك سورۇنىغا بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىدۇ

2016.03.24 14:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت يېمەكلىك ۋە دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى يېقىندا بىرلىكتە ھۆججەت چۈشۈرۈپ، يېمەك–ئىچمەك مۇلازىمەت سورۇنىنىڭ ئاممىۋى سورۇن ئىجازەتنامىسى ۋە يېمەكلىك تىجارىتى ئىجازەتنامىسىنى بىرلەشتۈرۈپ تەڭشەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  تەلەپ بويىچە، يەرلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت تارماقلىرىنىڭ ئاشخانا، قەھۋەخانا، مەيخانا، چايخانىدىن ئىبارەت تۆت تۈردىكى ئاممىۋى سورۇنلارغا تارقاتقان تازىلىق ئىجازەتنامىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار ئىجازەت مەزمۇنى يېمەكلىك ۋە دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى بەرگەن يېمەكلىك تىجارەت ئىجازەتنامىسىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ، يېمەكلىك ۋە دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى بىر تۇتاش نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا ئىجازەت بەرگەن يېمەك-ئىچمەك كارخانىلىرىغا بولغان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ. يەرلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت تارماقلىرى يۇقىرىقى تۆت سورۇننىڭ تازىلىق ئىجازەتنامە ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىشنى توختىتىدۇ؛ قوبۇل قىلغان بولسا، تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى توختىتىتىدۇ. يەرلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت تارماقلىرى يۇقىرىقى تۆت سورۇننىڭ تازىلىق ئىجازەتنامىسىنى ئۆچۈرۈۋېتىشى كېرەك.

  يېمەك- ئىچمەك مۇلازىمەت سورۇنى تازىلىق ئىجازەتنامىسى ۋە يېمەكلىك تىجارىتى ئىجازەتنامىسىنى بىرلەشتۈرۈپ تەڭشەش ھوقۇقىنى قويۇۋېتىش، قويۇپ بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇپ، تەكرار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئازايتىشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىشقا پايدىلىق. بۇ يىل 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە بىرلەشتۈرۈپ تەڭشەش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك تاماملىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر