گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 22- مارت چۈشتىن كېيىن خەينەن ئۆلكىسى سەنيا شەھىرىدە، لەنساڭجياڭ- مىكوڭ دەرياسى ھەمكارلىقى تۇنجى قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشقا كەلگەن تايلاند زۇڭلىسى پرايۇت، كامبودژانىڭ باش ۋەزىرى خۇنسېن، لائوس زۇڭلىسى توڭشىڭ، بىرمىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى سەي ماكخام ۋە ۋىيېتنامنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى پان بىنمىننى كۈتۈۋالدى. لى كېچياڭ ئۇلار بىلەن بىرمۇ بىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، كوللېكتىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. ئارقىدىن لى كېچياڭ تەبرىك سۆزى قىلىپ مۇنداق دېدى، بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، لەنساڭجياڭ- مىكوڭ دەرياسى ھەمكارلىق مېخانىزمى تەشەببۇسى بىر قەدەم بىر قەدەمدىن ئىلگىرىلەپ ئەمەلگە ئاشتى، ھەمكارلىق ئۇقۇمى ھۆججىتى ماقۇللاندى، سىياسىي بىخەتەرلىك، ئىقتىساد ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات، ئىجتىمائىي ئادىمىيەتتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ غول لىنىيە ھەمدە ئالاقە راۋانلىقى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، چېگرا ھالقىغان ئىقتىساد، سۇ بايلىقى، يېزا ئىگىلىكى ۋە نامراتلارنى ئازايتىشتىن ئىبارەت ئالدىن ھەمكارلىشىدىغان بەش يۆلىنىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، بالدۇر ئۈنۈمى كۆرۈلۈدىغان يۈزگە يېقىن تۈر تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ لەنساڭجياڭ- مىكوڭ دەرياسى بويىدىكى ئالتە دۆلەتنىڭ ھازىرقى ئاساستا، ئۆز ئارا ئىشىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قويۇق ئالاقە قىلىپ، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشىنىڭ دەۋر ئېقىمىغا ماس كېلىدىغان، ئاۋام رايىغا ياقىدىغان، غايەت زور ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، لەنساڭجياڭ- مىكوڭ دەرياسى ھەمكارلىق مېخانىزمى رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشقا، رايون جەھەتتىكى يېقىنلىق، ئادىمىيەت جەھەتتىكى يېقىنلىقنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇشقا پايدىلىق، شۇنداقلا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ بايلىق، كەسىپ، بازار جەھەتتىكى ئۆز ئارا تولۇقلاشچانلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەزكۇر رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى تېخىمۇ كۈچلۈك قوللاش ۋە كەڭرى سەھنە يارىتىپ بېرىشكە تۈرتكە بولىدۇ، جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىدۇ. جۇڭگو لەنساڭجياڭ- مىكوڭ دەرياسى ھەمكارلىق مېخانىزمىدىكى ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن بىرگە، «بىر دەريادىن سۇ ئىچكەنلەرنىڭ تەقدىرى چىڭ باغلىنىدۇ» دېگەن باش تېما بويىچە، ھەمكارلىق پىلانى ئۈستىدە كېڭىشىپ، كەلگۈسى ھەمكارلىق پىلانلىرىنى تۈزۈپ، لەنساڭجياڭ- مىكوڭ دەرياسى ھەمكارلىقىدىكى بىرىنچى قەدەمنى بىللە بېسىشنى كۈتمەكتە.