- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شىنجاڭ تۆمۈريول تارمىقى ئۆرۈك چېچىكى ساياھەت مەخسۇس لىنىيەسى ئاچىدۇ
2016.03.23 17:12 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
‹‹شىنجاڭدىكى تۇنجى باھار ـــ تۇرپان ئۆرۈك چېچىكى ساياھەت پەسلى›› يېتىپ كېلىشى بىلەن، شىنجاڭ تۆمۈريول تارمىقى 26-مارتتىن باشلاپ ئۆرۈك چېچىكى ساياھەت مەخسۇس لىنىيەسى ئېچىپ، ئەڭ يۇقىرى چەكتە ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت ئېھتىياجىنى قامدايدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، ئۆرۈك چېچىكى ساياھەت مەخسۇس لىنىيەسىگە D9966/D9965 قېتىملىق پويىز ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە D9966 قېتىملىق پويىز 8:40 تا ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالدىن يولغا چىقىپ، تۇرپانغا 9:40 تا يېتىپ بارىدىكەن؛ D9965 قېتىملىق پويىز تۇرپان شىمالىي ۋوگزالىدىن 22:10 دا يولغا چىقىپ، ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىغا 23:09 دا يېتىپ بارىدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر