باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ۋە ئورمان، يايلاق ئوت ئاپىتىدىن ساقلىنىش يىغىنىغا مۇھىم يوليورۇق بەردى

2016.03.23 14:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ئورمان، يايلاق ئوت ئاپىتىدىن ساقلىنىش خىزمىتى يىغىنى 20-، 21-مارت جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ تەيجۇ شەھىرىدە ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇھىم يوليورۇق بەردى. يوليورۇققا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يېزا ئىگىلىك، يېزا خىزمىتى، بولۇپمۇ نۆۋەتتىكى ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى قىلچە بوشاشماستىن چىڭ تۇتۇش-ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئومۇملۇقىدا ئىنتايىن مۇھىم. جايلار، تارماقلار يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىغا ئاساسەن، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق، يېزا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىنى كۈچەپ ئۆزگەرتىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دېھقانلارنى بازارنى يۆنىلىش قىلغان ھالدا تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇشقا يېتەكلەپ، يېزا ئىگىلىكنىڭ كۆپ خىل شەكىلدىكى مۇۋاپىق كۆلەملىك تىجارىتىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، 1-، 2-، 3-كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئۈنۈمى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپ خىل يوللار بىلەن كۆپەيتىشى كېرەك. تېرىقچىلىق مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، تېرىلغۇ تەييارلىقى ۋە ئەتىيازلىق تېرىلغۇنى پۇختا باشلاپ، سىياسەت بىلەن يۆلەشنى كۈچەيتىپ، ئورمان، يايلاق ئوت ئاپىتىدىن ساقلىنىش، نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئېتىز-ئېرىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشى ۋە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش ياخشى پىلانلاپ، 13-بەش يىللىق پىلاندىكى يېزا ئىگىلىك، يېزا تەرەققىياتىنىڭ ياخشى باشلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى لازىم. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىنچىكە تەشكىللەپ، ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پۇختا ئىشلەپ، يېزا ئىگىلىك، يېزا تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر