- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بىرما پارلامېنتى يېڭى ئىچكى كابىنېت ئەزالىرى تىزىملىكىنى بېكىتتى، ئاڭسان سۇكى دىپلوماتىيە مىنىستىرى بولدى
2016.03.23 16:54 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
بىرما مەملىكەتلىك دېموكراتىك ئىتتىپاقى 22-مارت ئاڭسان سۇكىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېيقان. دېموكراتىك ئىتتىپاقنىڭ باياناتچىسى:«ئۇنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى دىپلوماتىيە مىنىستىرى» دېگەن.
شۇ كۈنى ئەتىگەندە، بىرما فېدېراتسىيە پارلامېنتىنىڭ باشلىقى فېدېراتسىيە پارلامېنتى يىغىنىدا زۇڭتۇڭ تاپشۇرغان مىنىستىرلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئاڭسان سۇكىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە ئىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، فېدېراتسىيە پارلامېنتى 24-مارت نامزاتلارنىڭ كونكرېت خىزمەت ۋەزىپىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدىكەن، ئەگەر پارلامېنت ئەزالىرى نامزاتلارغا قارشى تۇرسا 23-مارت سائەت 13كىچە پىكىرنى فېدېراتسىيە پارلامېنتى بەنگۇڭتىڭىغا سۇنسا بولىدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر