باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئالاقىدار 20 تۈر ئاساسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا كىرگۈزۈلدى

2016.03.23 15:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاڭلاش ئىقتىدارى ئاجىز بالىلارنى تىل جەھەتتىن تەربىيەلەش، ئۆز ھاجىتىدىن چىقالمايدىغان ياشانغانلارغا ئورنىدىن تۇرۇش مەشىقى قىلدۇرۇش قاتارلىق 20 داۋالاپ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈرى بۇنىڭدىن كېيىن داۋالاش سۇغۇرتىسى تاپشۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلار يېقىندا"يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن قىسمەن داۋالاپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈرىنى ئاساسى داۋالاش كاپالىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش''نى بېسىپ تارقىتىپ، جايلاردىن بۇ يىل 30-ئىيۇنغىچە يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن 20 ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈرىنى داۋالاش سۇغۇرتىسى تۆلەش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش شۇنىڭ بىلەن بىرگە جايلار ئەسلى تۆلەش دائىرىسىگە كىرگۈزگەن داۋالاپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈرىنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىشنى تەلەپ قىلدى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم كۆپەيتىلگەن تۈرلەرنى ئېلىمىزدىكى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ داۋالاش، داۋالاش سۇغۇرتىسىنى باشقۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى داڭلىق مۇتەخەسسىسلەر بىرلىكتە باھالاپ بېكىتتى، بۇ پۇت قوللىرى مېيىپلارنى داۋالاپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش، روھىي مېيىپلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، گاس، گاچىلارنى داۋالاپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر