باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جاڭ دېجياڭ ھەرقايسى دۆلەتلەر پارلامېنتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ 134-قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى

2016.03.23 15:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھەرقايسى دۆلەت پارلامېنتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى چائۇدۇرىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ 19-مارتتىن 21-مارتقىچە زامبېيەنىڭ پايتەختى لوساكادا ئۆتكۈزۈلگەن ھەرقايسى دۆلەتلەر پارلامېنتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ 134-قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. 20-مارت جاڭ دېجياڭ يىغىننىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا "ھەمكارلىق ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىپ، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنەيلى" دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ئافرىقا ئەزەلدىن تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى. ئۆتكەن يىلىدىكى جۇڭگو ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ جوساننىسبورگ باشلىقلار يىغىنىدا رەئىس شى جىنپىڭ ئافرىقا رەھبەرلىرى بىلەن بىرگە جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەتكە كۆتۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ مۇناسىۋىتىدىكى بەش چوڭ تۈۋرۈكنى پۇختىلاشقا بىردەك قوشۇلدى. جۇڭگو كەلگۈسى ئۈچ يىلدا ئافرىقا بىلەن ئون چوڭ ھەمكارلىق پىلانىنى نۇقتىلىق يولغا قويۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىز باشلىقلار يىغىنىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىمىز. 20-مارت چۈشتىن كېيىن جاڭ دېجياڭ يىغىنغا قاتناشقان مىسىرنىڭ پارلامېنت باشلىقى ئالى، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ پارلامېنت باشلىقى مۇبېيت، موزامبىكنىڭ پارلامېنت باشلىقى ماكامولار بىلەن ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت، جۇڭگو ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ھەمدە قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. 21-مارت جاڭ دېجياڭ يىغىنغا قاتناشقان ئاسىيا ۋە ئافرىقىدىكى قىسمەن دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنت باشلىقلىرى بىلەن ناشتىدا بىرگە بولدى، ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئەزاسى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغداپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، مۇستەقىل تەرەققىيات ئىقتىدارىنى ئورتاق ئۆستۈرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر