باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

باجدىن باشقا كىرىم تۈرلىرىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ تەسىس قىلىشقا بولمايدۇ

2016.03.23 15:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا" ھۆكۈمەتنىڭ باج كىرىمىدىن باشقا كىرىمىنى باشقۇرۇش چارىسى"نى چىقىرىپ، ھۆكۈمەتنىڭ باج كىرىمىدىن باشقا كىرىمىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ كىرىم چىقىم ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇردى. باج كىرىمىدىن باشقا كىرىم باج كىرىمىدىن باشقا ھەر دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپى ئورۇنلار، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ۋاكالىتەن ئۆتەيدىغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇن بويىچە دۆلەت ھوقۇقى، ھۆكۈمەت ئابرۇيى، دۆلەت بايلىقى ئىگىدارلىق ھوقۇقى قاتارلىقلارغا تايىنىپ ئېرىشكەن تۈرلۈك كىرىملەرنى كۆرسىتىدۇ، كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا مەمۇرىي ئىشلاردىكى ھەق ئېلىش كىرىمى، ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك فوند كىرىمى، جەرىمانە كىرىمى، دۆلەت بايلىقىنى ھەقلىق ئىشلىتىشتىن قىلىنغان كىرىم، دۆلەت مۈلكى كىرىمى قاتارلىقلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.

  چارىدا ئېنىق قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: باج كىرىمىدىن باشقا كىرىم ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە كىرىمىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولۇپ، مالىيە خامچوتىنى باشقۇرۇشقا كىرگۈزۈلىشى كېرەك، باج كىرىمىدىن باشقا كىرىمنى باشقۇرۇشتا قانۇنغا ئاساسلىنىش، قېلىپلىق بولۇش، ئاشكارا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، باج كىرىمىدىن باشقا كىرىمنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئۆزئارا ماس كەلگەن باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تۈزۈپ چىقىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر