باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 22-قېتىملىق يىغىنى ئېچىلدى

ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى دەل جايىدا، توغرا ۋە ماس ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك

ليۇ يۈنشەن، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى

2016.03.23 16:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 22-مارت چۈشتىن بۇرۇن مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 22-قېتىملىق يىغىنى ئېچىلدى، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ مۇھىم ھالقىسى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە پايدىلىق تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈشنى چۆرىدەپ، ئىسلاھات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىدە دۇچ كەلگەن زىددىيەت ۋە خىرىسلارغا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، بوغما ھالەت ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى نەزەردە تۇتۇپ، دەل جايىدا، توغرا، ماس كۈچەپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش، تەرەققىياتنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاش، ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھىرلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك.ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ يۈنشەن، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا «قانۇن مەسلىھەتچىلىكى تۈزۈمى ۋە جامائەت ئادۋوكاتى، شىركەت ئادۋوكاتى تۈزۈمىنى ئومۇملاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»، «ئېكولوگىيەنى قوغداش تولۇقلىمىسى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»، «نامراتلىقنى تۈگىتىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر»، «بالىلار داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتى ئىسلاھاتىنى كۈچەيتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»، «مەبلەغ سېلىش ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»، «سودىيە ۋە تەپتىشلەرنى دەرىجىمۇ-دەرىجە تاللاش تۈزۈمىنى ئورنىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»، «ئادۋوكاتلار ۋە قانۇنشۇناسلاردىن قانۇن چىقىرىش خىزمەتچىلىرى، سودىيە، تەپتىشلەرنى تاللاش توغرىسىدىكى پىكىر»، «ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر» قاراپ چىقىلدى ۋە ماقۇللاندى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر