باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيە يېڭى بىخەتەرلىك كاپالىتى قانۇنى 29-،مارت رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ

2016.03.23 15:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياپونىيە كابىنېت يىغىنىدا تۈنۈگۈن: 29-مارتتىن ئېتىبارەن يېڭى بىخەتەرلىك كاپالىتى قانۇنىنى رەسمىي يولغا قويۇش قارار قىلىندى. شۇ چاغدا ئىلگىرىكى ياپونىيەنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتى چەكلىگەن كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش مۇمكىن بولىدۇ، ياپونىيە قوغدىنىش قىسمىمۇ دۇنيا مىقياسىدا ھەرىكەت ئېلىپ بارالايدۇ، ئۇلارنىڭ ۋەزىپە مەزمۇنىمۇ كۆپىيىدۇ.

  يېڭى بىخەتەرلىك كاپالىتى قانۇنى- يېڭىدىن تۈزۈلگەن بىر قانۇن ۋە تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ئون قانۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  يېڭىدىن تۈزۈلگەن قانۇن «خەلقئارا تىنچلىق ياردەم بېرىش قانۇنى»، بۇ قانۇنغا ئاساسەن، ياپونىيە ھەر قاچان ئېھتىياجىغا قاراپ چەتئەلگە ئەسكەر ئەۋەتەلەيدۇ ھەمدە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئارمىيەسىگە ياردەم بېرەلەيدۇ.

  يېڭى بىخەتەرلىك كاپالىتى قانۇنى ياپونىيەنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى مەخسۇس مۇداپىئەلىنىش بىخەتەرلىك كاپالىتى سىياسىتىدە زور ئۆزگىرىش بولغانلىقى، ياپونىيەنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئۇزۇن مۇددەت چىڭ تۇرۇپ كەلگەن تىنچلىق دۆلەت پىلانىدىن ۋاز كەچكەنلىكى، دۇنيا ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە پائال قاتنىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. يېڭى بىخەتەرلىك كاپالىتى قانۇنى كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، قانۇن جەھەتتىن ئېيتقاندا، پەقەت ئامېرىكا ئارمىيەسى تەلەپ قىلسىلا ياپونىيە مۇداپىئە ۋەزىرى قوغدىنىش قىسمىنى ئامېرىكا ئارمىيەسىنى قوغداشقا ئەۋەتىش ئەۋەتمەسلىكنى قارار قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر