- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شى جىنپىڭ نېپال زۇڭلىسى ئوللې بىلەن كۆرۈشتى
2016.03.22 15:08 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 21-مارت خەلق سارىيىدا نېپال زۇڭلىسى ئوللې بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو ۋە نېپال ئەجدادتىن تارتىپ دوستانە، ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىشىدىغان يېقىن چېگرىداش دۆلەت. دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت باشتىن-ئاخىر باراۋەر، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىشنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىيات يولىدا ئىزدەندى. جۇڭگو ۋە نېپال تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بولۇپ، ھازىر بىردەك ئىسلاھات، تەرەققىياتتىن ئىبارەت تارىخىي خاراكتېرلىك ۋەزىپىگە دۇچ كەلدى. ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇققا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ھەقىقىي كېڭەيتىپ ۋە كۈچەيتىپ، جۇڭگو-نېپالنىڭ تەقدىرداشلىق، ئورتاق گەۋدىلىكىنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر