ماتېرىيال سۆرەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز غەيرەت جاسارەت، نامەتجان يۈسۈپ خەۋەر قىلىدۇ) كەلپىن ناھىيەسىنىڭ 2- نۆۋەتلىك ئۆرۈك چىچىكى بايرىمى مۇشۇ ئاينىڭ 27-كۈنى باشلىنىدۇ.
بۇ يىلقى 2-نۆۋەتلىك چېچەك بايرىمىنى تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، يىراق-يېقىندىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە خۇشاللىق بەخىش ئېتىش ئۈچۈن، كەلپىن ناھىيەسى نەچچە ئاي بۇرۇنلا تەييارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى.
ئىگىلىنىشچە، بۇ قېتىمقى چېچەك بايرىمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى يۇرچى يېزىسىنىڭ ئارا-ئايماق كەنتىدىكى «تىنىچلىق ئۆرۈكزارلىقىدا» ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، ئېچىلىش مۇراسىمىدا سەرخىل ئەدەبىيات-سەنئەت نۇمۇرلىرى، قوچقار، خوراز سوقۇشتۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەر، يەنە كوللىكتىپ توي مۇراسىمى، مىللىيچە چېلىشىش، ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ پۇتبۇل ۋە ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى، سۈرەت تارتىش، چېچەكلىك باغنى پىيادە، ۋېلسىپىتلىق ئايلىنىش، تاغقا يامىشىش قاتارلىق مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى