باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

زۇڭلى لى كېچياڭ قانۇنغا خىلاپ ۋاكسىنا سېتىۋېلىش-سېتىش دېلوسى توغرىسىدا مۇھىم تەستىق سالدى

2016.03.23 14:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ قانۇنغا خىلاپ ۋاكسىنا سېتىۋېلىش-سېتىش دېلوسى توغرىسىدا مۇھىم تەستىق سالدى. تەستىقدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: بۇ قېتىمقى ۋاكسىنا بىخەتەرلىك ۋەقەسى جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك دېققىتىنى قوزغىدى، نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش جەھەتتە نۇرغۇن يوچۇق مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

  يېمەكلىك ۋە دورا نازارەتچىلىكى باش ئىدارىسى، سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، ج خ مىنىستىرلىقى ماسلاشتۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، «مەسىلە بار ۋاكسىنا»نىڭ كېلىش بەنبەسى ۋە ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ، قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغان ئالاقىدارلارنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلمىشىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك، ھەرگىز يۇمشاق قوللۇق قىلىشقا بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى چىڭ تۇتۇپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت قىلىش، ئەملەش قاتارلىق ھەر قايسى ھالقىلارنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يوچۇقلارنى ئېتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي ساغلاملىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر