باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپا ئىتتىپاقى سۇرىيە مۇجاھىدلىرىغا بېرىدىغان ياردەمنى كۆپەيتىشكە ۋەدە قىلدى

2016.03.23 15:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لىۋاندا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتىگە مەسئۇل ئالىي ۋەكىلى موغېرىن ئۈلۈشكۈن ياۋروپا ئىتتىپاقى سۇرىيە مۇجاھىدلىرىغا بېرىدىغان ياردەمنى كۆپەيتىپ، لىۋاننىڭ مۇساپىرلار جەھەتتىكى ئېغىر يۈكىنى يېنىكلىتىشىگە ياردەم بېرىشكە ۋەدە قىلدى دېدى.

  موغېرىن مۇنداق دېدى: ياۋروپا ئىتتىپاقى سۇرىيەنىڭ تىنچلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا داۋاملىق كۈچ چىقىرىدۇ، سۇرىيەدىكى ئالاقىدار ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ داۋاملىق تېرىشىپ، تىنچلىق سۆھبىتىگە تۈرتكە بولۇپ، توقۇنۇشقا خاتىمە بېرىدىغان مېخانىزم ئورنىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنىڭ سۇرىيەگە كىرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، مۇساپىرلارنى بىخەتەرلىك شارائىتى يار بەرگەن ئەھۋالدا يۇرت-ماكانلىرىغا قايتىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈرۈپ، ئاخىرىدا دۆلەتنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر