باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قىممىتى 570 مىليون يۈەنگە يېتىدىغان قانۇنسىز ۋاكسىنا دېلوسىنى ۋىۋىسكا ئېسىپ تەكشۈرۈش دېلوسى قىلدى

2016.03.23 15:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تۈنۈگۈن قىممىتى 570 مىليون يۈەنگە يېتىدىغان قانۇنسىز ۋاكسىنا تىجارىتى قىلىشقا ئالاقىدار دېلونى ۋىۋىسكا ئېسىپ تەكشۈرۈش دېلوسى قىلدى ھەمدە مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ھەر دەرىجىلىك تەپتىش ئورگانلىرى نازارەت قىلىش تارماقلىرىدىن بۇنداق دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى قىلىشنى تەلەپ قىلدى، يېقىندا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى پاش قىلغان قىممىتى 570 مىليون يۈەنگە يېتىدىغان قانۇنسىز ۋاكسىنا تىجارىتى دېلوسى تاراتقۇلاردا كەڭ كۆلەمدە خەۋەر قىلىنىپ، جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىدى، بۇ دېلولار 20 نەچچە ئۆلكە، شەھەر، نۇرغۇن كىشىلەرگە چېتىلىدۇ، دېلوغا مۇناسىۋەتلىك قانۇنسىز ۋاكسىنا سانى ناھايىتى كۆپ، ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: دېلوغا مۇناسىۋەتلىك رايونلاردىكى ھەر دەرىجىلىك تەپتىش ئورگانلىرى تەكشۈرۈش نازارەت قىلىش تارماقلىرى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يەرلىكتىكى يېمەكلىك دورا نازارەت قىلىش تارماقلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ خىزمىتى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇش ۋە يېقىندىن ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، قانۇنسىز ۋاكسىنا كىرگۈزۈش، دېلو سادىر قىلىش قاتارلىق ئۇچۇرلارنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، يىپ ئۇچى مەلۇم قىلىش، دېلو يۆتكەش، ئۇچۇردىن تەڭ بەھرىلىنىش قاتارلىق مېخانىزملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى لازىم، ئۆلكە دەرىجىلىك تەپتىش مەھكىمىلىرى ئەھۋالنى تېزدىن ئېنىقلاپ، ۋاقتىدا خۇلاسىلەپ، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش نازارىتىگە دوكلات قىلىشى لازىم.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر