باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇ يىل خوتەن ۋىلايىتىدىكى 244 نامرات كەنت نامراتلىقتىن قۇتۇلىدۇ

2016.03.22 14:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەمتىمىن سەپەر خوتەن ناھىيەسى قارقى يېزىسىدىكى نامرات كەنت ئاقئۆستەڭ كەنتىدىن، بۇ يىل ئۇنىڭ ئائىلىسى نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى. پۈتۈن كەنتمۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئالدىدا تۇرماقتا. خوتەن ۋىلايىتىنىڭ 13-بەش يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش پىلانى ۋە نىشانىغا ئاساسلانغاندا، خوتەن ۋىلايىتىدىكى 244 نامرات كەنت، 130 مىڭ كىشى يىل ئاخىرى نامراتلىق قالپىقى چۆرۈپ تاشلايدۇ.

  بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، خوتەن ۋىلايىتىدىكى ۋالىي، نازىر دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ ھەر بىرى بىر نامرات ناھىيە بىلەن ئالاقە باغلاپ، بىر نامرات كەنتكە مەسئۇل بولدى؛ ناھىيە باشقارما دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ ھەربىرى بىر نامرات كەنت بىلەن ئالاقە باغلىدى. ۋىلايەت، ناھىيە، شەھەرلەرگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار ئايرىم ئايرىم بىر كەنت بىلەن ئالاقە باغلىدى.80 مىڭدىن كۆپرەك كادىرنىڭ ھەر بىرى بىر نامرات ئائىلىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەردى. كىمنى يۆلەش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا خوتەن ۋىلايىتى ئارخىپ تۇرغۇزۇپ سانلىق مەلۇمات بىلەن پەرق ئېتىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، نامرات كەنت، نامرات ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئېھتىياجىنى توغرا ئىگىلەپ، بىر ئائىلىگە بىر ھېساب دەپتەر، بىر ئائىلىگە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرىدىغان بىر پىلان، بىر ئائىلىگە بىر يۈرۈش ياردەم بېرىدىغان تەدبىرلەرنى تۈزدى.كىمنى يۆلەش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا خوتەن ۋىلايىتى ۋىلايەت، ناھىيە، شەھەر، يېزا بازار، كەنت ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسىدىن ئىبارەت تۆت دەرىجىلىك بىرلەشمە ھەرىكەت مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. قانداق يۆلەش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا خوتەن ۋىلايىتى ھەر خىل تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، بەشتە بىر تۈركۈم قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە يارىشا ئىش كۆرۈپ، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق نامراتلارنى دەل يۆلەش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، نامراتلارنى يۆلەش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر