باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چەتئەل مۇتەخەسسىسلىرى بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى ئاسىيا رايونى ئىقتىسادى ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم سەھنىسىگە ئايلاندى دەپ باھا بەردى

2016.03.23 15:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2016- يىللىق يىغىنى 22- مارتتىن 25- مارتقىچە خەينەن ئۆلكىسىنىڭ بوئاۋدا ئىچىلىدۇ. چەتئەللەرنىڭ سىياسىي ساھەسىدىكى ئەربابلار، مۇتەخەسسىس ئالىملار بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى ئاسىيا رايونىنىڭ ئىقتىسادى ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم سەھنىسىگە ئايلىنىپ، ئاسىيا ئىقتىسادىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىدە غايەت زور تۈرتكىلىك رول ئوينىدى دەپ ھېسابلىدى.

  ئاسىيانىڭ يېڭى كەلگۈسى، يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە يېڭى ئىستىقبالى بۇ يىللىق يىغىننىڭ ئاساسلىق تېمىسى بولدى. ئاۋسترالىيەنىڭ ساياھەت ۋە خەلقئارا مائارىپ مىنىستىرى كىربىك باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: بۇ ئاۋسترالىيەنىڭ مەنپەئەتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئاساسلىق تېما بولۇپ، ئاۋسترالىيەنىڭ ئاسىياغا ئۆزىنىڭ ئەڭ يېڭى مېخانىزمى بولغان دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىلىم پەن پىلانىنى ۋە ئۇنىڭ ئىلىپ كېلىدىغان مەبلەغ سېلىش پۇرسىتىنى نامايان قىلىشىغا مۇكەممەل پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  نېپال زۇڭلىسى ئولى مۇنداق دېدى: بۇ يىللىق بوئاۋ مۇنبىرىنىڭ يىللىق يىغىنى، ئىقتىسادى تەرەققىيات ۋە رايون گۈللىنىشىگە ئالاقىدار خىرىسلارنى مۇزاكىرە قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات، مۇھىت ئاسراش، ئېكولوگىيەلىك سىستېما ھەمدە بىخەتەرلىك قاتارلىق مەسىلىلەرمۇ نۇقتىلىق دىققەت قىلىنىدۇ.

  ئۇندىن باشقا، ياپونىيە ئۇنىۋېرسىتېتى سودا ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى، ئىقتىسادشۇناس دوكتور لى كى، سىنگاپور يۇسۇپئىسا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا تەتقىقات ئورنىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى جاۋ خوڭ ۋە ھىندىستان نېھرو ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات ئاكادېمىيەسى جۇڭگو تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ۋاراپراساد بۇنىڭغا ئىجابىي باھا بەردى.

  بۇ قېتىمقى بوئاۋ مۇنبىرىنىڭ يىللىق يىغىنىدا 83 مەيدان مۇھاكىمە پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ، مەزمۇنى ماكرولۇق ئىقتىساد، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش، ئىنتېرنېت قوشۇلغان قاتارلىق قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرگە چېتىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر