باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قانۇنغا خىلاپ ۋاكسىنا سېتىۋېلىش سېتىش دېلوسىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش تەلەپ قىلىندى

2016.03.23 15:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك يېمەكلىك دورا نازارەت قىلىش باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى 21-مارت بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك يېمەكلىك دورا نازارەت قىلىش باشقۇرۇش ئىدارىلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ۋە سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت تارماقلىرى دەرھال بىرلەشمە خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇنسىز ۋاكسىنا تىجارىتى قىلىش دېلولىرىغا چېتىلىدىغان مەھسۇلاتلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ۋە دېلو تەكشۈرۈش خىزمىتىنى بىرلىكتە ئوبدان ئىشلىشى كېرەك. ۋاكسىنىنى قانۇنسىز سېتىۋالغان، ساتقان كارخانىلار، ئورگانلار ۋە شەخسلەرنى ئەھۋالغا قاراپ قانۇن بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: يېمەكلىك دورا نازارەت قىلىش باشقۇرۇش ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى تارماقلارنىڭ ماسلىشىشىنى كۈچەيتىپ، جىنەندىكى ۋاكسىنا قانۇنسىز تىجارىتى قىلىش دېلوسىغا چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تېزدىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى قاتتىق جازالاپ، ئاممىنىڭ سالامەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يېقىندىن ماسلىشىپ، شەندۇڭ ئۆلكىسى ئېلان قىلغان دېلوغا چېتىشلىق جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ ئىسىملىكى ۋە تەكشۈرۈش يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، بۇ رايوندىكى چېتىشلىق گۇماندارلارنىڭ سالاھىيىتىنى تېزدىن تەكشۈرۈپ، ۋاكسىنا سېتىۋېلىش، سېتىش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئېنىقلىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر