باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ نېپال زۇڭلىسى ئوللې بىلەن سۆھبەتلەشكەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى مۇستەھكەملەپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىش يولىنى ئېچىپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2016.03.22 13:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 21-مارت چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا ئېلىمىزگە رەسمىي زىيارەتكە كەلگەن ھەم بو ئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2016-يىللىق يىللىق يىغىنىغا قاتنىشىدىغان نېپال زۇڭلىشى ئوللې بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو-نېپال تاغ-دەريالىرى تۇتاش دوستانە قوشنا دۆلەت، دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتى ئورنتىلىغاندىن بۇيان، باشتىن-ئاخىر بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەپ، باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇپ، قوشنا دۆلەتلەر ئارا ئىناق بىللە ئۆتۈش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىشتا ئۈلگە ياراتتى. جۇڭگو نېپالنىڭ بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرغانلىقىدىن قايىل، نېپالنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى ۋە زېمىين پۈتۈنلىكىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، نېپالنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشمايدۇ، نېپال خەلقىنىڭ تەرەققىيات يولىنى تاللىشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو تىنچ، گۈللەنگەن نېپالنى كۆرۈشنى خالايدۇ، نېپال بىلەن سىياسىي جەھەتتىن ئۆزئارا ئىشىنىپ، ئومۇميۈزلۈك باردى-كەلدىنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپ ۋە رايوننىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمارلىشىش يولىنى ئېچىپ، خەلقئارا رايون ئىشلىرىدىكى ئالاقە، ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون مۇقىملىقى ۋە دۇنيا تنىچلىقىنى قوغداشنى خالايدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر