خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋىرى، فوتوسى) كورلا شەھىرى يېڭى شەھەر يېزىلىق مەركىزىي مەكتەپ بالىلارنىڭ تەن ساغلاملىقىنى كۈچەيتىش، قۇياش نۇرى تەنتەربىيە پائالىيىتىنى جانلاندۇرۇش، ئاممىۋى تەنتەربىيە تۈرلىرىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش مەقسىتىدە، ياشلار-ئۆسمۈرلەر سارىيى خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ 2011-يىلى ياشلار-ئۆسمۈرلەر بوكس كۇلۇبى قۇرغان ئىدى. مەكتەپ قوشنا كۇلۇبلار ئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش، بالىلار يېتىلدۈرگەن قابىلىيىتىنى نامايان قىلىدىغان سەھنە ھازىرلاپ بېرىش مەقسىتىدە، 3-ئاينىڭ 20-كۈنى ئاپتونوم رايون بويىچە 5-نۆۋەتلىك تەكلىپلىك بوكس مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى. مۇسابىقىگە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى ئابدۇشۈكۈر مىجىت، ئۈرۈمچى كوماندىسىدىن ئەكرەم باراتلار ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ئۈرۈمچى تەنتەربىيە مەكتىپى، چاقىلىق پالۋان كۇلۇبى، بۈگۈر كوماندىسى ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، مۇشۇ كۇلۇبتا تەربىيەلەنگەن كىچىك ئەزىمەتلەر بىلەن كەسكىن ئېلىشتى. پائالىيەت داۋامىدا ئابدۇشۈكۈر مىجىت، ئەكرەم بارات ۋە ئۈرۈمچى تەنتەربىيە مەكتىپى، چاقىلىق پالۋان كۇلۇبى، بۈگۈر كوماندىسىنىڭ تىرېنېرلىرى مەكتەپ بوكس مەشىق زالىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.
سۈرەتتە: 5-نۆۋەتلىك تەكلىپلىك بوكس مۇسابىقە پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈشلەر
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى