باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تۈنۈگۈن گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

2016.03.21 14:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تۈنۈگۈن گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتىكى مەسئۇلىيەت، تەقسىملەنگەن ئىشلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۈتۈن يىللىق تەرەققىيات ئاساسىي نىشان ۋەزىپىلىرىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى؛ تەرەققىيات ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بۇ يىللىق ئىقتىسادى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى بېكىتتى؛ تىجارەت بېجىنى كۆپەيمە قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش سىنىقىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، كارخانىلارنىڭ باج سېلىقىنى يەنىمۇ يېنىكلىتىش ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەستىقلىغان ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلات گوۋۇيۈەن ۋە ھەرقايسى تارماقلارنىڭ پۈتۈن يىللىق خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي پىلانى. ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى مۇھىم ئىش- ئەمەلىي ئىش قىلىش. پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش، باھانە سەۋەب كەلتۈرمەستىن نىشانغا يېتىش كېرەك. يىغىندا بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىكى 9 جەھەتتىكى مۇھىم ۋەزىپە بېكىتىلدى ھەمدە مەسئۇل ئورۇنلار ۋە كونكرېت ئىش تەقسىماتى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. يىغىندا 2016-يىللىق ئىقتىسادى تۈزۈلمە ئىسلاھاتى سىنىقى ۋەزىپىلىرى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، مەركەزنىڭ ئىقتىسادى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسىغا ئاساسەن، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىدە بۇرۇلۇش ياساش، مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلە، دۆلەت كارخانىلىرى، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، سىرتقا ئېچىۋېتىش، ئىجتىمائىي ئىشلار قاتارلىق ئون چوڭ ساھەدىكى 50 نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى بېكىتىلدى. ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتىكى تىجارەت بېجىنى كۆپەيمە قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يەنىمۇ يېنىكلىتىش، ئىقتىسادى قۇرۇلمىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، يىغىندا ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلدى. بۇ يىل 1-مايدىن باشلاپ، 1-، تىجارەت بېجىنى كۆپەيمە قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش سىناق دائىرىسى بىناكارلىق، ئۆي مۈلۈك كەسپى، پۇل مۇئامىلە ۋە تۇرمۇش مۇلازىمىتى كەسپىگە كېڭەيتىلىدۇ، مال ۋە مۇلازىمەت كەسپىنى ئومۇميۈزلۈك قاپلايدۇ، باجنى توغرىلاپ چىقىرىۋېتىش يولى ئېچىلىپ، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ياسىمىچىلىقىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە مەدەت بېرىلىدۇ. 2-، بۇندىن بۇرۇنقى كارخانىلار سېتىۋالغان ماشىنا ئۈسكۈنىلەرنىڭ كۆپەيمە قىممەت بېجىنى توغرىلاپ چىقىرىۋېتىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش ئاساسىدا، يېڭىدىن كۆپەيگەن مۇقىم مۈلۈكمۇ توغرىلاپ چىقىرىۋېتىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ، توغرىلاپ چىقىرىۋېتىلىدىغان تۈرلەر كۆپەيتىلىپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ ۋە كېڭەيتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يېڭىدىن كۆپەيگەن سىناق قىلىنغان كەسىپلەرنىڭ ئەسلىدىكى تىجارەت بېجىدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتى پىرىنسىپ جەھەتتىن داۋاملاشتۇرۇلىدۇ، ئالاھىدە بېكىتىلگەن كەسىپلەرگە ئۆتكەنچە تەدبىر قوللىنىلىدۇ، مۇلازىمەت ئېكسپورتىدىن باج ئېلىنمايدۇ ياكى باج كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى يولغا قويۇلىدۇ، بارلىق كەسىپلارنىڭ يۈكىنى كۆپەيتمەستىن ئازايتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل تىجارەت بېجىنى كۆپەيمە قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ 500 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق يۈكى يېنىكلەيدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر