باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەلقئارا جەمئىيەت تېررورلۇققا زەربە بېرىشنى مۇراجىئەت قىلدى

2016.03.23 15:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېل ئايرودۇرۇمى بىلەن مېترو بېكىتىدە يۈز بەرگەن يۈرۈشلۈك پارتلىتىش ھۇجۇمىدا 34 ئادەم قازا قىلدى، 170 دىن كۆپرەك ئادەم يارىلاندى. ئەسەبىي تەشكىلات ئىسلام دۆلىتى بۇ ھۇجۇملارنى ئۆزلىرىنىڭ قىلغانلىقىنى ئېيتتى. خەلقئارا جەمئىيەت بۇ ۋەقەنى ئەيىبلەپ: بارلىق شەكىلدىكى تېررورىزمغا زەربە بېرىشنى مۇراجىئەت قىلدى.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كېمون باياناتچىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ قەبىھ ھۇجۇملار بېلگىيەنىڭ مەركىزى ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەركىزىدە يۈز بەردى. مەن بۇ ئىشقا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندى بايانات ئېلان قىلىپ: بېلگىيە، جۈملىدىن پۈتكۈل ياۋروپا ھۇجۇمغا ئۇچرىماقتا دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ياۋروپا مۇھىم ھەرىكەت قوللىنىپ بۇ ئېغىر تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. فىرانسىيە زۇڭلىسى ۋالىسىمۇ: بىز ئۇرۇش ھالىتىدە تۇرۇۋاتىمىز دېدى.

  ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى كامېرون: ئەنگلىيە كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىدۇ دېدى. ئۇ يەنە ياۋروپادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر تېررورلۇقنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كەلمەكتە، بىز تېررورچىلارنىڭ غەلىبىگە ئېرىشىشىگە ھەرگىز يول قويمايمىز دېدى. گېرمانىيە زۇڭتۇڭى گائوك: گېرمانىيە بېلگىيە بىلەن بىر سەپتە تۇرىدۇ دېدى.

  ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما: ئامېرىكا بىلەن بېلگىيە ئىتتىپاقلىشىپ بىگۇناھ پۇقرالارغا قارىتىلغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى كۈچلۈك ئەيىبلەيدۇ ھەمدە ئامېرىكا بېلگىيەگە ھەر قانداق ياردەملەرنى بېرىدۇ دېدى، ئۇ يەنە بۇ قېتىمقى ھۇجۇم دۇنيانىڭ ئىتتىپاقلىشىپ تېررورىزمغا زەربە بېرىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى دېدى.

  جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: جۇڭگو تۈنۈگۈن بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا يۈز بەرگەن بىر يۈرۈش تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى كۈچلۈك ئەيىبلەيدۇ. جۇڭگو بارلىق شەكىلدىكى تېررورىزمغا قەتئىي زەربە بېرىدۇ. مۇشۇ پەيتتە جۇڭگو خەلقى بېلگىيە خەلقى ۋە ياۋروپا خەلقى بىلەن بىرگە تۇرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر