باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

توققۇز كارخانىنىڭ ساختا ۋاكسىنا سېتىش يولىنىڭ بارلىقى ئېنىقلاندى

2016.03.23 15:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ دۆلەتلىك يېمەكلىك، دورا نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش باش ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىچە، بۇ ئىدارە شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جىنەن شەھىرىدىكى قانۇنسىز ۋاكسىنا تىجارەت قىلىش دېلوسىنى تەكشۈرۈش، دورىلارنى تۇتۇپ قېلىش سانلىق مەلۇماتىنى تەھلىل قىلىشتىن توققۇز دورا توپ سېتىش كارخانىسىنىڭ ساختا ۋاكسىنا سېتىشقا چېتىشلىق يوللىرىنىڭ بارلىقىنى بايقىغان. دۆلەتلىك يېمەكلىك، دورا نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ئالاقىدار يەرلىك يېمەكلىك، دورا، نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش ئىدارىلىرىدىن بۇنى ئۈزۈل-كېسىل تەكشۈرۈپ، 25-مارتقىچە تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى يوللاشنى تەلەپ قىلدى ھەم باش ئىدارىنىڭ بىر تۇتاش جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. دۆلەتلىك يېمەكلىك، دورا نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش باش ئىدارىسى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئالاقىدار يەرلىك يېمەكلىك، دورا نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش ئىدارىلىرى بۇ توققۇز دورا توپ سېتىش كارخانىسىنى دەرھال تەكشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ساختا مەھسۇلاتلارنى سېتىش ئەھۋالىنىڭ راست-يالغانلىقىنى ئۈزۈل-كېسىل ئېنىقلاش، قانۇن، بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئېنىق بولغانلىرىنى دەرھال دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش؛ بۇنىڭغا چېتىشلىق باشقا كارخانىلارنىمۇ ئۈزۈل-كېسىل تەكشۈرۈش؛ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى 25-مارتتىن بۇرۇن دۆلەتلىك يېمەكلىك، دورا نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش باش ئىدارىسىگە مەلۇم قىلىش ھەم جەمئىيەتكە ئاشكارىلاش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر