- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شى جىنپىڭ گېرمانىيە زۇڭتۇڭى گائوك بىلەن سۆھبەتلەشتى
ئىككى دۆلەت رەھبىرى جۇڭگو-گېرمانىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك-شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە كۈچەيتىشكە بىردەك قوشۇلدى
2016.03.22 15:06 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 21-مارت خەلق سارىيىدا گېرمانىيە زۇڭتۇڭى گائوك بىلەن سۆھبەتلشتى. ئىككى دۆلەت رەھبىرى جۇڭگو-گېرمانىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك-شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى ئىزچىل مۇستەھكەملەش ۋە كۈچەيتىش، خەلقئارالىق خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشتا تېخىمۇ زىچ ھەمكارلىشىشقا قوشۇلدى.
شى جىنپىڭ گائوكنىڭ تۇنجى قېتىم ئېلىمىزگە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر جۇڭگو-گېرمانىيەنىڭ ئالاقە ۋە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ زىچلىق دەرىجىسى تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىدىن ھالقىپ كەتتى. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىچانلىقى بىلەن، جۇڭگو-گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسى تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامغا يۈزلىنىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىنىشنىش ۋە ئۆزئارا قوللاش دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش دائىرىسى تېخىمۇ كېڭىيىپ، خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز كۈچەيمەكتە. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر