- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
2016-يىللىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش باشلاندى
2016.03.23 13:24 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتونوم رايون بويىچە 2016-يىللىق ئوقۇتقۇچىلار سالاھىيىتىنى بېكىتىش 21 - مارت باشلاندى.
مۇخبىرنىڭ 22-مارت ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2016 ـ يىللىق ئەتىيازلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش خىزمىتىنىڭ تۇنجى قېتىملىق تورنى ئېچىش ۋاقتى 3-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 27-كۈنىگىچە، ھەر كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 8 يېرىمدىن كەچ سائەت 5 يېرىمغىچە بولىدىكەن. ئىككىنچى قېتىملىق تورنى ئېچىش ۋاقتى 6-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە، ھەر كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 8 يېرىمدىن كەچ سائەت 5 يېرىمغىچە بولىدىكەن. كۈز پەسللىك بېكىتىش خىزمىتىنىڭ تۇنجى قېتىم تورنى ئېچىش ۋاقتى 9-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە، ھەر كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 8 يېرىمدىن كەچ سائەت 5 يېرىمغىچە بولىدىكەن. ئىككىنچى قېتىملىق تورنى ئېچىش ۋاقتى 10-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 23-كۈنىگىچە، ھەر كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 8 يېرىمدىن كەچ سائەت 5 يېرىمغىچە بولىدىكەن. ئاپتونوم رايون بويىچە ھەر دەرىجىلىك بېكىتىلگەن ئورۇنلار چوقۇم بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ئۆز رايونىنىڭ بېكىتىش خىزمىتىنى تاماملىشىى لازىم ئىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل بېكىتىش دائىرىسى دۆلەتنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىغا توشمىغان، «ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى» دا بەلگىلەنگەن ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولۇش شەرتىگە ئۇيغۇن، ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش ئىش ئورنىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئىشتاتلىق ئوقۇتقۇچىلار، 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردىكى پېداگوگىكا مائارىپى تۈرى، غەيرى پېداگوگىكا مائارىپ تۈرىدىكى ئوقۇش پۈتكۈزۈش ئالدىدا تۇرغان ئوقۇغۇچىلار ۋە شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىجتىمائىي خادىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن،
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر