باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2016-يىللىق خەلقئارالىق بوكس ماھىرلىرى چېمپىيونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسى 26 - مارت ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدۇ

2016.03.23 13:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 22 -مارت چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى بوكس باشقۇرۇش مەركىزى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، 2016 - يىللىق خەلقئارالىق بوكس ماھىرلىرى چېمپىيونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ 26 - مارت قىزىلتاغ تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان، مالايسىيا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بوكس تەنھەرىكەتچىلىرى ئۈرۈمچىدە جۇڭگو شىنجاڭ بوكس ماھىرلىرى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى بوكس باشقۇرۇش مەركىزىدىكى شاڭ خۇڭبو مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى مۇسابىقە شىنجاڭ بوكسچىلىقىنىڭ پەيدىنپەي كەسىپلىشىشكە قاراپ يۈزلەنگەن تىپىنى ئۆزگەرتىش سىنىقى ھىسابلىنىدۇ، مۇسابىقىنىڭ پۈتۈن جەريانىدا بازارلاشتۇرۇش شەكلى قوللىنىلىدۇ، شىنجاڭ بوكس ماھىرلىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك بوكس ماھىرلىرى بىلەن مۇسابىقە قىلىش ئارقىلىق، شىنجاڭ بوكسچىلىقىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو شىنجاڭ بوكس كوماندىسى 79 كىلوگراملىقلار ماھىرى مەمەت تۇرسۇن چوڭ ، 75 كىلوگراملىقلار ماھىرى قانات قاتارلىقلار مۇسابىقىگە قاتنىشىدىكەن. مەمەت تۇرسۇن چوڭ ئىلگىرى ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنىدا چېمپىيون بولغان، 2012 - يىللىق ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىغا قاتناشقان.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر