باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بېلگىيەنىڭ بىريۇسسېل ئايرودۇرۇمىدا پارتلاش يۈز بېرىپ ئۆلۈم-يېتىم بولدى

2016.03.23 15:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بېلگىيەنىڭ بىريۇسسېل ئايرودۇرۇمىدا تۈنۈگۈن سەھەردە پارتلاش يۈز بېرىپ، ھازىرغىچە 34 ئادەم قازا قىلدى.

  شۇ يەر ۋاقتى تۈنۈگۈن سائەت سەككىز ئەتراپىدا بىريۇسسېل شەھەر سىرتىدىكى زاۋانتېم ئايرودۇرۇمىنىڭ سەپەر زالىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، 14 ئادەم قازا قىلدى، 81 ئادەم يارىلاندى. ئالاھازەل بىر سائەتتىن كېيىن بىريۇسسېل شەھىرىدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ باش ئورگىنىغا يېقىن يەردىكى مائېلبىك مېترو بېكىتىدە يەنە پارتلاش يۈز بېرىپ 20 ئادەم قازا قىلدى، 106 ئادەم يارىلاندى، بۇنىڭ ئىچىدە 17 ئادەمنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە تۇرماقتا.

  ياۋروپا ئىتتىپاقى خىزمەتچى خادىملارنىڭ سىرتلارغا ئاز چىقىشىنى تەلەپ قىلدى. ھازىر بىريۇسسېلدا مېترو، كوچا ئاپتوبۇسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئاممىۋى قاتناش مۇلازىمىتى ۋاقىتلىق توختىتىلدى.

  پارتلاش يۈز بەرگەندىن كېيىن، بېلگىيەنىڭ قوشنىسى گوللاندىيە تەدبىر قوللاندى، ساقچىلار ئامستېردام، روتتېردام قاتارلىق جايلاردىكى ئايرودۇرۇملارنى چارلاشنى كۈچەيتتى، جەنۇبتىكى چېگرىدا باشقۇرۇشىنى تېخىمۇ چىڭىتتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر