باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نۇرغۇن تارماق كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنىڭ تېز تەرەققىياتىنى قوللاش ھۆججىتىنى چىقاردى

2016.03.23 15:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق بانكىسى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، بانكا نازارەتچىلىك كومىتېتى، ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتى، سۇغۇرتا نازارەتچىلىك كومىتېتى قاتارلىق تارماقلار يېقىندا بىرلىشىپ چىقارغان «پۇل مۇئامىلە بىلەن كۈتۈنۈش مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تېز تەرەققىياتىنى قوللاش ھەققىدىكى يېتەكچى پىكرى»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پۇل مۇئامىلىنىڭ كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، تەشكىللەش، مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاھالىلەرنىڭ كۈتۈنۈش بايلىق زاپىسى ۋە كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى تۆلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، كۈتۈنۈش مۇلازىمەت كەسپى بىلەن ئۆزىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشىنىڭ ئۆز ئارا ياخشى تۈرتكىسىنى قوللاش؛ 2025-يىلىغىچە، قاپلىنىشى كەڭ، تۈرى تولۇق، ئىقتىدارى مۇكەممەل، مۇلازىمىتى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، بىخەتەر، پۇختا بولغان، ئېلىمىز نوپۇسىنىڭ قېرىلىشىش مۇساپىسى بىلەن ئۆز ئارا ئۇيغۇن كېلىدىغان، ھاللىق جەمئىيەت تەلىپىگە ماسلىشىدىغان پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ئاساسەن ئورنىتىش كېرەك. پىكىردە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: خەلق بانكىسى، خەلق ئىشلىرى، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىق تارماقلار قاتناشقان پۇل مۇئامىلە بىلەن مۇلازىمەت كەسپىنى قوللاش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، كەسىپ سىياسىتى بىلەن پۇل مۇئامىلە سىياسىتىنىڭ ماسلىشىشىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك پۇل مۇئامىلە سىياسەت قوراللىرىدىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىپ، سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن ئۈنۈمنى نازارەت قىلىشنى چىڭىتىپ، كۈتۈنۈش مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان سىياسەت بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈشى لازىم.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر