باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى 2016-يىللىق يىغىنى ئېچىلدى

2016.03.23 15:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاسىيانىڭ يېڭى كەلگۈسى، يېڭى ھاياتى كۈچ ۋە يېڭى ئارزۇ ئاساسى تېمىسىدىكى بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى 2016-يىللىق يىغىنىغا ئالاقىدار پائالىيەتلەر تۈنۈگۈن ئارقا ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلدى، يىغىنغا قاتناشقان 2100 ۋەكىل ئالاقىدار تېمىلارنى چۆرىدەپ قىزغىن مۇزاكىرە قىلىدۇ، بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ باش كاتىپى جۇ ۋېنچوڭ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ نۆۋەتلىك يىللىق يىغىندا ئاساسلىقى: ئىگىلىك تىكلەش ۋە يېڭىلىق يارىتىش، ئىنتېرنېت + ۋە +ئىنتېرنېت ، زور ۋەقەلەرگە بىرلەشتۈرۈش، يەرشارى ئىقتىسادىدىكى يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلە، ئىقتىساد، جەمئىيەت ۋە مەدەنىيەتتىكى قىزىق نۇقتىلار، كەسىپ يۇمىلاق ئۈستىلى ۋە ئىككى تەرەپلىك باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىرى سۆزلىشىشىدىن ئىبارەت ئالتە جەھەتتىكى تېمىغا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. تۈنۈگۈن "بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى ئاسىيا ئىقتىسادىنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسى 2016-يىللىق دوكلاتى"،"بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىقتىسادى گەۋدىلەر تەرەققىياتى 2016-يىللىق دوكلاتى"،"بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى ئاسىيا رىقابەت كۈچى 2016-يىللىق دوكلاتى" رەسمىي ئېلان قىلىندى. "بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى ئاسىيا رىقابەت كۈچى 2016-يىللىق دوكلاتى"دىن ئايان بولۇشىچە ئاسىيادىكى تۆت كىچىك ئەجدىرھا سىنگاپور، جۇڭگو شياڭگاڭ، كورېيە ۋە جۇڭگو تەيۋەن ئاسىيادىكى 37 ئىقتىسادى گەۋدە ئىچىدە ئالدىنقى 4 ئورۇندا تۇرغان، جۇڭگو ئۆتكەن يىلدىكىگە ئوخشاش يەنىلا 9-ئورۇندا تۇرغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر