باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى: جۇڭگو بىريۇسسېلدىكى بىر قاتار تېررورلۇق ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ

2016.03.23 15:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 22-مارت مۇنداق دېدى، جۇڭگو شۇ كۈنى بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدىكى بىر قاتار تېررورلۇق ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ، قازا قىلغۇچىلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىدۇ، قازا قىلغۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە يارىدارلار سەمىمىي ھال سورايدۇ. جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى بىلەن جۇڭگونىڭ بېلگىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ۋەقەنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ جۇڭگو پۇقرالىرىدىن ئۆلۈم يېتىم بولغان بولمىغانلىقىنى جىددىي ئېنىقلىماقتا. خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى، جۇڭگو ھەرقانداق شەكىلدىكى تېررورىزمغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. بۇ پەيتتە، جۇڭگو خەلقى بېلگىيە خەلقى ۋە ياۋروپا خەلقى بىلەن بىر سەپتە تۇرىدۇ. جۇڭگو بېلگىيە ۋە خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تېررورىزمنىڭ تەھدىتى ۋە خىرىسىغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى خالايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر