باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2016-يىللىق يىللىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، 62 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 2100 مېھمان يىغىنغا قاتناشتى

2016.03.23 16:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ئاسىيانىڭ يېڭى كېلەچىكى: يېڭى ھاياتىي كۈچى ۋە يېڭى ئارزۇسى» ئاساسىي تېمىسىدىكى بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2016-يىللىق يىللىق يىغىنى 22 –مارت خەينەن بوئاۋدا ئېچىلدى. 62 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 2100 مېھمان يىغىنغا قاتناشتى.

  بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ باش كاتىپى جۇ ۋېنجۇڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2016-يىللىق يىللىق يىغىندا 88 مەيدان مۇزاكىرە تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بىر مەيدان باشلىنىش مۇراسىمى، 51 مەيدان مۇنبەرگە بۆلۈنۈش، 15 مەيدان يۇمۇلاق ئۈستەل يىغىنى، 5 مەيدان ئاساسىي تېمىلىق زىياپەت، 10 مەيدان ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر سۆھبىتى ۋە ئالتە مەيدان تېلېۋىزىيە مۇنازىرىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ھازىرقى ئاسىيانىڭ ئىقتىسادىي قىزىق نۇقتىسى. مۇنبەرنىڭ يىللىق يىغىنىدا 10 مەيدان مۇزاكىرە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر سۆھبىتىگە پەن-تېخنىكىدا ئالدىنقى قاتاردىكى، ئىلغار ياسىمىچىلىق، گۈللەنمە كەسىپلەر قاتارلىق ساھەلەر توپلاندى، ئەنئەنىۋى كەسىپلەر ۋە گۈللەنمە كەسىپىي ساھەلەردىن كەلگەن كۆپلىگەن باشلامچى كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن مېھمانلار ئىگىلىك تىكلەش كەچۈرمىشى ۋە ئىگىلىك تىكلەش تۇيغۇلىرى ئۈستىدە بەس-بەستە پىكىرلىشىدۇ ھەم نەزىرىنى تېخنىكا ۋە كەسىپنىڭ ئەڭ يېڭى يۈزلىنىشىگە ئاغدۇرىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر