باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كارخانىلار باھانى تۆۋەنلەتتى

ئىجتىمائىي كاپالەت تەمىناتى تۆۋەنلىتىلەمدۇ؟

2016.03.23 16:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئادەم كۈچى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ «‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت قانۇنى› نى يولغا قويۇشقا ئالاقىدار بىرقانچە بەلگىلىمىسى» بويىچە، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان كۈچ سەۋەبلىك ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتىدە ئېغىر قىيىنچىلىق كۆرۈلسە، ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ تەستىقلىشىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، بەلەىلىك مۇددەتتىكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەقىقنى ۋاقىتلىق كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇشقا بولىدۇ، بۇ مۇددەت ئادەتتە بىر يىلدىن ئاشمايدۇ.

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئورنىنىڭ باشلىقى جىن ۋېيگاڭ مۇنداق دېدى: ئىجتىمائىي كاپالەت ھەققىدە ئەڭ مۇرەككەپ بولغىنى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققى. ھازىر ئېلىمىز كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىدا ئۆلكە دەرىجىلىكلەر بىر تۇتاش پىلانلاش يولغا قويۇلۇپ، بەزى ئۆلكىلەرنىڭ مەبلىغى يېتەرلىك، بەزى ئۆلكىلەردە ئۆز قەرەلىدە يىغالماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلدى. جايلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققىنى تەڭشىگەندە، ئەھۋالغا قاراپ بېكىتىپ، شارائىتنىڭ پىشىپ يېتىلگەن-يېتىلمىگەنلىكىگە قارىشى كېرەك. مەسىلەن: گۇاڭدۇڭ، جېجياڭ قاتارلىق جايلارنىڭ ئېشىندىسى كۆپرەك بولۇپ، ھەقنى ئالدى بىلەن چۈشۈرسە ۋە كۆپرەك چۈشۈرسە بولىدۇ. قىسمەن ئۆلكىلەر بۇرۇنقى ئېشىنچىسىنى ئىشلىتىۋاتىدۇ ياكى زور مىقتارىدىكى مالىيە ياردىمىگە مۇھتاج بولىۋاتىدۇ، بۇنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئويلىنىشقا توغرا كېلىدۇ.

  جىن ۋېيگاڭ مۇنداق دېدى: ھەقنى تۆۋەنلىتىشتە «مېزىنى باسسا، تېزى چىقىپتۇ» دېگەندەك بولماسلىقى كېرەك. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تۆۋەنلىتىش كارخانىلار ئۈچۈن تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش، بىراق سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تەمىناتىنى تۆۋەنلىتىشكە بولمايدۇ. كەلگۈسىدە، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تۈرلۈك ئىجتىمائىي كاپالەت تەمىناتى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى ۋە تۇرمۇش خىراجىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ تەدرىجىي ئۆستۈرۈلىدۇ.

  ئۇ مۇنداق قارىدى: بۇ، تەتقىقات ۋە ئومۇمىي پىلاننى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. قىسقا ۋاقىتتا ھەقنى ئالدىراپ تۆۋەنلەتكەندە، نەتىجىدە كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى «بارىدا پولدۇرۇڭ-پولدۇرۇڭ، يوقىدا قاراپ ئولتۇرۇڭ» دېگەندەك، ئەڭ ئاخىرىدا چوڭراق خەۋپكە دۇچ كېلىدۇ.

  ھازىر قىسمەن جايلار «كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش» شەكلىنى قوللاندى، بۇ، كارخانىلارنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن بىز مەزگىل ئۆتىۋېلىشىغا ياردەم بېرىدىغان بولۇپ، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ ئومۇمىي تەمىناتىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. قىسمەن جايلار تىجارىتى قىيىن بولىۋاتقان كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا قاتنىشىش چارىسىدىن پايدىلىنىپ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى تاپشۇرىشىغا رۇخسەت قىلدى، بۇ، سۇغۇرتىغا قاتناشقانلارنىڭ كەلگۈسى تەمىناتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر