باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ لەنساڭجياڭ-مىكون دەرياسى ھەمكارلىقىنىڭ تۇنجى قېتىملىق رەھبەرلەر يىغىنىغا قاتناشقان مىكون دەرياسى ئەتراپىدىكى بەش دۆلەت رەھبىرىنى كۈتۈۋالدى

2016.03.23 16:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 22-مارت چۈشتىن كېيىن خەينەن ئۆلكىسى سەنيا شەھىرىدە ئېلىمىزگە كېلىپ لەنساڭجياڭ-مىكون دەرياسى ھەمكارلىقىنىڭ تۇنجى قېتىملىق رەھبەرلەر يىغىنىغا قاتناشقان تايلاند زۇڭلىسى بايۈ، كامبودژانىڭ باش ۋەزىرى خۇڭسېن، لائوس زۇڭلىسى تۇڭشىڭ، بىرمىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى سەي ماۋكاڭ ۋە ۋېيتنامنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى فەن پىڭمىڭنى كۈتىۋالدى.

  لى كېچياڭ ئۇلار بىلەن بىرمۇ-بىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، كوللېكتىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  ئۇنىڭدىن كېيىنكى تەبرىك سۆزىدە، لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، لەنساڭجياڭ-مىكون دەرياسىنىڭ ھەمكارلىق مېخانىزمى ھەر بىر قەدەمنى پۇختا بېسىشنى تەشەببۇس قىلىشتىن رېئاللىققا ئايلىنىپ، ھەمكارلىق چۈشەنچە ھۆججىتى ماقۇللىنىپ، سىياسىي جەھەتتىن بىخەتەر، ئىقتىساد ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىش، ئىجتىمائىي ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى قاتارلىق ئۈچ چوڭ تىرەك ۋە ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، چېگرا ھالقىغان ئىقتىساد، سۇ بايلىقى، يېزا ئىگىلىكى ۋە يۈكنى يەڭگىللىتىشتىن ئىبارەت بەش جەھەتتە ئاۋۋال ھەمكارلىشىش يۆنىلىشى بېكىتىلىپ، 100 گە يېقىن بالدۇر ھوسۇل ئېلىش تۈرى تەتقىق قىلىنىپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، لەنساڭجياڭ-مىكون دەرياسى ئەتراپىدىكى ئالتە دۆلەتنىڭ ھازىرقى ئاساستا، ئۆزئارا ئىشەنچ ۋە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى، ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرىشى، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىشى، دەۋر ئېقىمىغا ماسلاشقانلىق، ئەل رايى ۋە ئارزۇسىغا ئۇيغۇن بولۇپ، غايەت زور ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر