باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

20 تۈرلۈك ساغلاملىق تۈرى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا كىرگۈزۈلىدۇ

2016.03.23 16:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بالىلارنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش، تىل مەشىقى، ھەرىكەت ئىقتىدارىدىن قالغان ياشانغانلارنى ئېلېكترونلۇق كارىۋاتتا تۇرغۇزۇش مەشىقى قاتارلىق 20 تۈرلۈك داۋالاش، ساغلاملىق تۈرى بۇنىڭدىن كېيىن داۋالىنىش سۇغۇرتىسى چىقىمى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلار يېقىندا «يېڭىدىن كۆپەيگەن قىسمەن داۋالاش، ساغلاملىق تۈرلىرىنى ئاساسىي داۋالىنىش كاپالىتى چىقىمى دائىرىسىگە كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» نى تارقىتىپ، جايلارنىڭ بۇ يىل 6-ئايدنىڭ 30-كۈنىگىچە، يېڭىدىن كۆپەيگەن 20 تۈرلۈك داۋالاش، ساغلاملىق تۈرىنى ئاساسىي داۋالىنىش كاپالىتى چىقىمى دائىرىسىگە كىرگۈزۈش بىلەن بىللە، جايلارنىڭ ئەسلىدىكى چىقىم دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن داۋالاش، ساغلاملىق تۈرلىرىنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىشىنى تەلەپ قىلدى.

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىم كۆپەيتىلگەن تۈرلەرنى ئېلىمىزدىكى ساغلاملىق، داۋالاش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى باشقۇرۇش قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ئاتاقلىق مۇتەخەسىسلىرى ئورتاق باھالاپ بېكىتىدىكەن، بۇنىڭدا پۇت-قولى مېيىپلەر ساغلاملىقى، روھىي جەھەتتىن مېيىپلەر ساغلاملىقى، تىل جەھەتتىن مېيپلەر، ئاڭلاش سەزگۈسى مېيىپلەر، قاتارلىق كۆپ ساغلاملىق ساھەلىرىگە چېتىلىدىغان بولۇپ، «ئۈچكە تەڭ ئېتىبار بېرىش» ئالاھىدىلىكى نامايان قىلىنغان. بىرىنچىدىن، باھالاش خاراكتېرىدىكى تۈرلەر بىلەن داۋالاش خاراكتېرىدىكى تۈرلەرگە تەڭ ئېتىبار بېرىلگەن؛ ئىككىنچىدىن، تۈرلۈك ساغلاملىق ساھەلىرىگە تەڭ ئېتىبار بېرىلگەن؛ مەسىلەن: قول-پۇتى مېيىپلەرنىڭ قول ئىقتىدارىنى باھالاش، قول-پۇتى كېسىۋېتىلەنلەر ئۇنىۋېرسال مەشىقى؛ روھىي جەھەتتىن مېيىپلەرنىڭ روھىي جەھەتتىكى توسالغۇسىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ داۋالاش مەشىقى؛ تىل جەھەتتىكى مېيىپلەرنىڭ تىل ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈش، سىناق قىلىش؛ ئۈچىنچىدىن، تۈرلۈك كىشىلەر توپىنىڭ ساغلىملىق ئېھتىياجىغا تەڭ ئېتىبار بېرىلگەن. بالىلارغا ماس كېلىدىغان تەنھالىقنى خالاش كېسىلىنى داۋالاشتا سىردىشىش، تەكشۈرۈش، بالىلارنىڭ ھەرىكەت، ئاڭلاش ئىقتىدارىنى سىناش، بالىلارنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدرى توسالغۇسى، تىل ئىقتىدارى مەشىقى؛ روھىي كېسەللەرگە ماس كېلىدىغان روھىي جەھەتتىكى توسالغۇسىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ داۋالاش مەشىقى قاتارلىقلار كىرگۈزۈلگەن. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر