سۈرەتتە: ئاقسۇ شەھىرى شىياڭيۈن مەھەللىسىگە چۈشكەن ئايال كادىرلار باققۇچسى يوق موماينىڭ چېچىنى ياساپ قويماقتا
شىنجاڭ كوئىنلۇن تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر گۈلبوستان مەمەت) تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب شىمالدىن 3-تۈركۈمدىكى «ئەل رايىنى ئىگەللەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، قەل قەلبىنى مايىل قىلىش» خىزمىتى بىلەن ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ھەر قايسى كەنت، مەھەللە كومىتېتىلىرىغا چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى 850تىن كۆپرەك كادىر ئىشقا چۈشكەن بىر ئايغا يېقىن ۋاقىتتا، ئەمەلىي ھەركىتى ئارقىلىق، دېھقان-ئاممىنىڭ تۈرلۈك قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، نامرات ئائىلىلەرنى بېيىش يولىغا يېتەكلىدى .ئاقسۇ شەھىرى تەۋەسىدە ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، ئاكتىپ ئېنىرگىيە تارقاتتى.