باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات تۈزۈلمە مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش پىكرى» چىقىرىلدى

2016.03.23 15:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى يېقىندا «ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈزۈلمە مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەققىدىكى پىكىر»نى چىقاردى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئەستايىدىل، ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. پىكىردە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئىختىساسلىقلار-ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ بىرىنچى بايلىقى. ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈزۈلمە مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسىمى، پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. پىكىردە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق، 2020-يىلىغىچە، ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈزۈلمە مېخانىزمىنىڭ مۇھىم ساھەلىرى ۋە مۇھىم ھالقىلىرىدا بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلىدۇ، ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى تېخىمۇ ئىلمىي، يۇقىرى ئۈنۈملەشتۈرۈلۈپ، ئىختىساسلىقلارنى باھالاش، يۆتكەش، ئىلھاملاندۇرۇش مېخانىزمى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئىختىساسلىقلارنى تونۇش، قەدىرلەش، ھۆرمەتلەش، ئىشلىتىش كەيپىياتى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇلۇپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى بىلەن ئۆز ئارا ئۇيغۇن كېلىدىغان، ھەممە ئادەم ياراملىق بولىدىغان، ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىنى نامايان قىلىدىغان سىياسەت، قانۇن سىستېمىسى ۋە ئىجتىمائىي مۇھىت شەكىللەندۈرۈلىدۇ. پىكىردە يەنە ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى قوللاش مېخانىزمىنى ياخشىلاش، ئىختىساسلىقلارنى باھالاش مېخانىزمىنى يېڭىلاش، ئىختىساسلىقلارنى راۋان يۆتكەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلىشىگە ئىلھام بېرىش مېخانىزمىنى كۈچەيتىش، خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش، ئىشلىتىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش، ئىختىساسلىقلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى قۇرۇش، ئىختىساسلىقلار خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى چىڭىتىش قاتارلىقلار چوڭقۇر شەرھلەندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر