باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پىل چىشى ئىمپورت قىلىشنى نازارەت قىلىش تېخىمۇ كۈچەيتىلىدۇ

2016.03.23 14:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى 2016-يىلى 3-نومۇرلۇق ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلىپ، ئىمپورت قىلىنغان پىل چىشى ۋە ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا تېخىمۇ قاتتىق باشقۇرۇش، تىزگىنلەش تەدبىرلىرى قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  2016-يىلى 20-مارتتىن 2019-يىلى 31-دېكابىرغىچە، ئېلىمىز مۇنداق ئۈچ خىل پىل چىشى ۋە ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى ۋاقىتلىق مەنئى قىلىدىغانلىقىنى قارار قىلدى: « خەۋپ ئاستىدا قالغان ياۋايى ھايۋانات، ئۆسۈملۈك تۈرى خەلقئارا سودا ئەھدىنامىسى » ( تۆۋەندە قىسقارتىپ « ئەھدىنامە » ) كۈچكە ئىگە بولۇشتىن بۇرۇن ئېرىشكەن پىل چىشى ۋە ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرى؛ « ئەھدىنامە » كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن ئېرىشكەن ئافرىقا پىل چىشى ئويما بۇيۇملىرى؛ ئافرىقىدا ئوۋ ئوۋلاپ ئېرىشكەن پىل چىشى خاتىرە بۇيۇمى.ۋاقىتلىق ئىمپورت قىلىش مەنئى قىلىنغان تەدبىرلەر يولغا قويۇلۇش مەزگىلىدە، دۆلەت ئورمانچىلىق ئىدارىسى ئالاقىدار مەمۇرىي ئىجازەت بېرىلىدىغان ئىشلارنى قوبۇل قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشنى ۋاقىتلىق توختىتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر