- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئۈچتىن ئىككى قىسىم رۇسىيەلىك پۇتىننىڭ داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن
2016.03.23 14:57 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
رۇسىيە مۇستەقىل ئەل رايىنى تەكشۈرۈش ئورگىنى بولغان رىۋادا مەركىزىنىڭ 21- مارت ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، زىيارەتنى قوبۇل قىلغان ئۈچتىن ئىككى قىسىم رۇسىيەلىك پۇتىننىڭ 2018- يىلدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمىدا غەلىبە قىلىپ داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلغان.
بۇ يىل 11-مارتتىن 14-مارتقىچە، رىۋادا مەركىزى رۇسىيەلىك 1 مىڭ 600 كىشى ئارىسىدا تەكشۈرۈش ئىلىپ بارغان. سانلىق مەلۇماتلاردىن ئايان بولۇشىچە، زىيارەتنى قوبۇل قىلغان %65 كىشى، پۇتىننىڭ يەنە بىر قېتىم ۋەزىپە ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلغان بولۇپ، بۇ ئۆتكەن يىلدىكىدىن %8 كۆپەيگەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر