باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، مېيىپلار ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتى ئەھۋالىنى ئاڭلىدى

2016.03.21 14:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن جۇڭنەنخەيدە رىياسەتچىلىك قىلىپ يىغىن ئېچىپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتى ئەھۋالىنى مەخسۇس ئاڭلىدى، ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، مېيىپلار ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ياخشى تەييارلىق قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى چوڭ، مەسئۇلىيىتى ئېغىر. بۇرۇچ تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشچان، تەڭكەش، يېشىل، ئېچىۋېتىلگەن، تەڭ بەھرىلىنىدىغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېشىل، ھەمبەھىرلىك، ئېچىۋېتىلگەن، پاك ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك تەييارلىق ۋەزىپىلىرىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتلىك ئورۇنداپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئېسىل، تەڭداشسىز، ياخشى قىلىپ ئۆتكۈزۈپ، ۋەتىنىمىز خەلقى، خەلقئارا جەمئىيەتكە رازى قىلارلىق جاۋاب بېرىش كېرەك.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، 24-نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى گو جىنلۇڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي پىلانى ۋە ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى، دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ليۇ پېڭ قار مۇز تەنھەرىكىتىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، قار مۇز تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىنىڭ ماھارەت،سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇشقا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى دوكلات قىلدى، خېبېي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جاۋ كېجى خېبېي ئۈستىگە ئالغان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ئالاقىدار خىزمەتلەرگە تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىنى دوكلات قىلدى، جۇڭگو مېيىپلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى جاڭ خەيدى مېيىپلارنىڭ قار مۇز تەنھەرىكىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مېيىپلار تەنھەرىكەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى ئەھۋاللارنى دوكلات قىلدى.

  شى جىنپىڭ دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى، ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتى ئومۇمىي پىلانى بېكىتىلدى، مەيدان ساراي قۇرۇلۇشى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، مۇسابىقە مۇلازىمىتىگە تەشكىللەش قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ۋەزىپىلەر ئايدىڭ بولدى، ئاچقۇچ ئۇنى ياخشى تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىشنى بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تۇتقۇ قىلىپ، تۈزۈلمىدە يېڭىلىق يارىتىش، مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىش، باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش، سىياسەتتە يېڭىلىق يارىتىشقا كۆپ كۈچ چىقىرىپ، قاتناش، مۇھىم كەسىپ قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئالدىن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالدىن سىناق قىلىپ، مۇھىم نۇقتىلاردا بۆسۈش ياساپ، نۇقتىدىن كۆلەمگە قاراپ كېڭەيتىپ، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينى ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشتا يېتەكچىلىك رول ئويناش كېرەك، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلار ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىشنىڭ شەھەرلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پايتەختنىڭ ئىستراتېگيەلىك ئورنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بېيجىڭنىڭ بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، مېيىپلار قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىش __ بىر تۈرلۈك سىستېما قۇرۇلۇشى، تەشكىلىي رەھبەرلىك ۋە بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەقىل پاراسىتىنى ، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ كۈچىنى توپلاپ، تەييارلىق خىزمىتىدە بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش لازىم، رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى تەييارلىق خىزمىتىدىكى زور مەسىلىلەر، مۇھىم ئىشلارنى تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى تەرەپلەرنى تەييارلىق خىزمىتىنى ياخشى قىلىشقا بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇشى، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئېلىپ، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى دۆلەتنىڭ 13-بەش يىللىق پىلانىغا كىرگۈزۈپ، زور كۈچ بىلەن قوللاپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى لازىم، بېيجىڭ شەھىرى، خېبېي ئۆلكىسى مۇسابىقىنى ئۆتكۈزگۈچى شەھەر بولۇش مەسئۇلىيىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەلا سۈپەتتە تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر