باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى باھاسى چۈشۈرۈلگەن دورىلارنى سېتىش تورى رەسمىي ئىشقا كىرىشكەنلىكى ئېلان قىلىندى

2016.03.23 14:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نۆۋەتتە، جۇڭگونىڭ دورا بازارلىرىدا سېتىلماي بېسىلىپ قالغان دورىنىڭ قىممىتى 80 مىليارد يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، ئەگەر بۇ بىر قىسىم دورىلارنىڭ باھاسى چۈشۈرۈلۈپ سېتىلسا، ئاممىنىڭ دورا ئىشلىتىش يۈكى يېنىكلەيدۇ. 22-مارت، دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى باھاسى چۈشۈرۈلگەن دورا سېتىش تورىنىڭ رەسمىي ئىشقا كىرىشكەنلىكى ئېلان قىلىندى. بازىرى كاسات دورىلارنىڭ ئاخىرقى سېتىۋېلىش باھاسىنى چۈشۈرۈش ئارقىلىق، بىمارلارنىڭ دورا سېتىۋېلىش تەننەرخىنىڭ ئوتتۇرىچە چۈشۈش نىسبىتى % 50كە يېتىدۇ.

  تۇنجى باھاسى چۈشۈرۈلگەن دورا سېتىش تورى لىفېڭ جيوجيو ساغلاملىق تورىنىڭ باش مۇدىرى خۇاڭ شۆفېڭ مۇنداق دېدى: « بىز يېڭىچە سودا ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىمىز، ئاساسلىقى ھەرقايسى چوڭ دورا كارخانىلىرىغا قارىتا سېتىلمىغان دورىلارنىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈپ سېتىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە بىز دورا تەمىنلەش زەنجىرىنى قىسقارتىپ، بەلگىلىك نىسبەتلىك تىجارەت خىراجىتىدىن پايدا ئېلىشتىن باشقا، قالغان ھەممىسىنى ئاخىرقى تىجارەتچى بىلەن بىمارغا ئېتىبار بېرىمىز. ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە لىفېڭ جيوجيو ساغلاملىق تورىدا باھاسىنى ئەڭ كۆپ چۈشۈرگىنى بىر قىسىم پۇقرالار داۋاملىق ئىشلىتىدىغان دورىلار، بولۇپمۇ ھەر خىل سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر دورىسى بولۇپ يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاش تۈرىدىكى دورىلار ئىكەن. بۇ بىر قىسىم دورىلارنىڭ باھاسى تۆۋەنلىتىلسە، پۇقرالارنىڭ دورا ئىشلىتىش يۈكى ھەقىقىي يېنىكلەيدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر