- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مۇھىت ئاسراش قىزىق لىنىيەسى قوبۇل قىلغان 2015-يىللىق 1145 پاش قىلىش دىلوسى ئېلان قىلىندى
2016.03.23 14:04 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى 22-مارت 2015-يىللىق «010-12369» قىزىق لىنىيەسى ۋە مەملىكەتلىك مۇھىت ئاسراش ئۈندىداردا قوبۇل قىلىنغان پاش قىلىش ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى. «010-12369» مۇھىت ئاسراش پاش قىلىش قىزىق لىنىيەسى ئاممىنىڭ 1145 پاش قىلىشىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، 1142سى بېجىرىلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە مەسىلىنى ئىنكاس قىلىشنىڭ چىنلىق نىسبىتى %72 بولغان. پاش قىلىش ئاساسلىقى ئوتتۇرا ۋە شەرقىي رايونغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاتموسفېرا بۇلغىنىشى بىرىنچى ئورۇندا بولۇپ، 78.3%نى ئىگىلىگەن، ئاندىن قالسا سۇ بۇلغىنىشى بىلەن شاۋقۇندىن بۇلغىنىش ئۇنىڭدىن كېيىن تۇرغان.
بۇنىڭدىن سىرت، 2015-يىللىق مۇھىت ئاسراش ئۈندىداردا پاش قىلىش سۇپىسى ئاممىنىڭ 13 مىڭ 719 قېتىم پاش قىلىشنى تاپشۇرۇپ ئالغان، 13 مىڭ 643 ى بېجىرىلگەن، 76سى بېجىرىلىۋاتىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر