باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا-كۇبا مۇناسىۋىتى ياخشىلاندى، ئامېرىكا كارخانىلىرى كۇبا بازارلىرىنى تالاشتى

2016.03.23 16:55         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كۇبادا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما دۈشەنبە(21-مارت) گوگۇلنىڭ ئانا شىركىتى بولغان «alphabet»نىڭ كۇبا ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىغا ئېرىشكەنلىكىنى، كۇبانى كەڭ بەلباغ ۋە Wi-Fi مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

  ئامېرىكا-كۇبا مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئوبامانىڭ كۇبانى زىيارەت قىلىشىدەك ياخشى پۇرسەتنى چىڭ تۇتقان نۇرغۇن ئامېرىكا كارخانىسى كۇبا بازارلىرىنى بەس-بەستە تالاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە تېلېفون، تېلېگرامما شىركىتىمۇ بار بولۇپ، بۇ شىركەت كۇبانىڭ كەزمە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىشىنى ئىلتىماس قىلغان، بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ئامېرىكىدىكى ئالاقە تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان باشقا ئىككى شىركەت Sprint ۋە Verizon شىركىتى بۇ تۈردە تەستىقتىن ئۆتكەن.

  بۇنىڭدىن باشقا، 13 ئامېرىكا ئاۋىياتسىيە شىركىتى ھازىرقى كۈندە ئامېرىكا-كۇبا ئارىلىقىدا قاتنايدىغان 25 نۆۋەتچى ئايروپىلاننى 52گە كۆپەيتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر