باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى دەل جايىدا، توغرا ۋە ماس ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ تۈزۈلمە–مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك

شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 22–قېتىملىق يىغىنى ئېچىلدى

2016.03.23 16:39         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 22 – مارت تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 22 – مارت چۈشتىن بۇرۇن مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 22 – قېتىملىق يىغىنى ئېچىلدى، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ مۇھىم ھالقىسى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە پايدىلىق تۈزۈلمە – مېخانىزمنى شەكىللەندۈرۈشنى چۆرىدەپ ئىسلاھات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىدە دۇچ كەلگەن زىددىيەت ۋە خىرىسلارغا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، بوغما ھالەت ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى نەزەردە تۇتۇپ دەل جايىدا، توغرا، ماس كۈچەپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش، تەرەققىياتنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاش، ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ۋە تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ يۈنشەن، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا ‹‹قانۇن مەسلىھەتچىلىكى تۈزۈمى ۋە جامائەت ئادۋوكاتى، شىركەت ئادۋوكاتى تۈزۈمىنى ئومۇملاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر››، ‹‹ئېكولوگىيەنى قوغداش تولۇقلىمىسى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر››، ‹‹نامراتلىقنى تۈگىتىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر››، ‹‹بالىلار داۋالاش – ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتى ئىسلاھاتىنى كۈچەيتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر››، ‹‹مەبلەغ سېلىش ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر››، ‹‹سودىيە ۋە تەپتىشلەرنى دەرىجىمۇ دەرىجە تاللاش تۈزۈمىنى ئورنىتىش توغرىسىدىكى پىكىر››، ‹‹ئادۋوكاتلار ۋە قانۇنشۇناسلاردىن قانۇن چىقىرىش خىزمەتچىلىرى، سودىيە، تەپتىشلەرنى تاللاش توغرىسىدىكى پىكىر››، ‹‹ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر›› قاراپ چىقىلدى ۋە ماقۇللاندى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتكوم، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، خەلق تەشكىلاتلىرى، دۆلەت كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلاردا قانۇن مەسلىھەتچىلىكى تۈزۈمى ۋە جامائەت ئادۋوكاتى، شىركەت ئادۋوكاتى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىش دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر. ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىپ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان تەشكىلىي شەكىل، خىزمەت ئەندىزىسى، باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى تاللاپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تەدبىرلەرنى تۈرلەر بويىچە يولغا قويۇپ، ئىلمىيلىكى، قاراتمىلىقى، مەشغۇلاتچانلىقىنى نامايان قىلىپ، پائال، مۇۋاپىق تەشكىللەپ يولغا قويۇش كېرەك. قانۇن مەسلىھەتچىلىكى ۋە جامائەت ئادۋوكاتى، شىركەت ئادۋوكاتىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئالاقىدار خىزمەت نىزامىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى چىڭىتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق دېيىلدى: ئېكولوگىيەنى قوغداش تولۇقلىمىسى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى مەقسەت گۈزەل تاغ – دەريالارنى قوغداپ، مەنپەئەتلەنگۈچى ھەق تۆلەيدىغان، قوغدىغۇچى مۇۋاپىق تولۇقلىمىغا ئېرىشىدىغان، قوغدىغۇچى ۋە مەنپەئەتلەنگۈچى ياخشى ماسلىشىدىغان مېخانىزمنى بەرپا قىلىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ئاكتىپلىقىنى قوزغاشتىن ئىبارەت. يۆتكەپ چىقىم قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيەنى قوغداشنىڭ كۆپ مەنبەلىك تولۇقلىما مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش يولىدا ئىزدىنىپ، تولۇقلىما بېرىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، تولۇقلىما ئۆلچىمىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈپ، ئورمان، يايلاق، سۇلۇق يەر، چۆل – باياۋان، دېڭىز – ئوكيان، ئېقىن، تېرىلغۇ يەر قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئېچىش چەكلەنگەن رايونلار، نۇقتىلىق ئېكولوگىيەلىك فۇنكسىيەلىك رايون قاتارلىق مۇھىم رايونلارنىڭ ئېكولوگىيەنى قوغداش تولۇقلىمىسى بىلەن تولۇق قاپلىنىشىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئېكولوگىيەنى قوغداش تولۇقلىمىسى تۈزۈمى سىستېمىسىنى ئاساسەن شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: نامراتلىقنى تۈگىتىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەلىپى بويىچە نامراتلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلغانلىقىنى بېكىتىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، نامرات ناھىيەلەرنى تۈگىتىش ئۆلچىمى ۋە تەرتىپىنى تەكشۈرۈشنىڭ كەسكىن، قېلىپلاشقان، ئاشكارا تەكشۈرۈش چارىسىنى بېكىتىش كېرەك. ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ قاتتىق باھالاپ، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاشنى قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئۆلچەم بىلەن تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ سۈپىتى ۋە سىجىللىقىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. توغرا يۆنىلىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، توقۇنۇشنى پەسەيتىشكە ئىمكانىيەت قالدۇرۇپ، يۆلەش سىياسىتىنى مەلۇم مەزگىلگىچە داۋاملىق يولغا قويۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق دېيىلدى: بالىلارنىڭ ساغلاملىقى ئائىلىلەرنىڭ بەختى ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بالىلار داۋالاش – ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتى ئىسلاھاتىنى كۈچەيتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا بالىلار كېسەللىكلىرى تېببىي خادىملىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، بالىلار داۋالاش – ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، بالىلار داۋالاش – ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتى ساھەسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئالدىنى ئېلىش – داۋالاشنى مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈش قاتارلىق ھالقىلىق مەسىلىلەرنى زىچ چۆرىدەپ، ئىسلاھات يولىنى سىستېمىلىق لايىھەلەپ، بالىلار داۋالاش مۇلازىمىتى بايلىقى كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش كېرەك. ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، زىچ ھەمكارلىشىپ، يانداش تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: مەبلەغ سېلىش ۋە يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىش سۇبيېكتلىق ئورنىنى بېكىتىپ، تۈرلۈك مەبلەغ سېلىش سۇبيېكىتلىرىغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، ئىجتىمائىي مەبلەغنى كەڭ قويۇۋېتىش ۋە جانلاندۇرۇش كېرەك. كارخانىلارنىڭ مەبلەغ باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىشتىن بۇرۇن سىياسەت ئارقىلىق يېتەكلەش، ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىش، چەكلەش ۋە ئىش جەريانىدا مۇلازىمەت قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش، مۇلازىمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، مۇلازىمەت تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ھۆكۈمەت مەبلەغ سېلىش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ مەبلەغ ئارقىلىق يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، ھۆكۈمەت بىلەن ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. سېلىنما تۈر مەبلىغى مەنبەسىنى كېڭەيتىپ، ئىجتىمائىي مەبلەغنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قېزىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق دېيىلدى: سودىيەلەر، تەپتىشلەرنى دەرىجىمۇ دەرىجە تاللاش تۈزۈمى، ئادۋوكاتلار ۋە قانۇنشۇناسلاردىن قانۇن چىقىرىش خىزمەتچىلىرى، سودىيەلەر ۋە تەپتىشلەرنى تاللاش قانۇن ئىدارە قىلىش مەخسۇس قوشۇنىنى مۇنتىزىملاشتۇرۇش، مەخسۇسلاشتۇرۇش ۋە كەسىپلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم تەدبىر. قانۇن يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، ئادەم تاللاش ۋە ئىشلىتىشنىڭ توغرا يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاشكارا، باراۋەر، ئادىل تاللاش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، تاللاش ۋە ئاشكارا تاللاشنىڭ شەرتى، ئۆلچىمى ۋە تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، سىياسىي ساپاسى يۇقىرى، كەسپىي ئىقتىدارى كۈچلۈك، كەسىپ ئەخلاقى دۇرۇس بولغان مۇنەۋۋەر قانۇن ئىدارە قىلىش ئىختىساسلىقلىرىنى ھەقىقىي ياخشى يېتىشتۈرۈش ۋە ياخشى ئىشلىتىش كېرەك. مۇۋاپىق ۋە تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈملەرنى جىپسىلاشتۇرۇپ، قوشۇننىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش يۆنىلىشىنى توغرا ئىگىلەپ، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى مەركىزىي ۋەزىپە قىلىپ، سىناق نۇقتىلارنىڭ ئومۇمىي ئىسلاھاتتىكى ئۈلگىلىك، بۆسۈش خاراكتېرلىك، باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، ئىلمىي، تەشكىللىك يولغا قويۇپ، ۋاقتىدا يەكۈنلەپ ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك. نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان تۈرلەرنى تەرتىپكە سېلىپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، ئەھۋالنى ئېنىقلاپ، تۈرلەرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق دېيىلدى: 13-بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىسلاھات ۋەزىپىسى ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-، 4-، 5- ئومۇمىي يىغىنىدىكى ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ داۋامى ۋە كونكرېتلاشتۇرۇلۇشى. پىلان پىروگراممىسىنىڭ ساھەلەر ئىسلاھاتى ۋە تۈزۈم قۇرۇلۇشىغا قويغان نىشان ۋەزىپىلىرىنى تەھلىل قىلىپ، ئۇنى بىرمۇ بىر سېلىشتۇرۇپ ئەمەلىيەشتۈرۈش كېرەك. ساھەلەرنىڭ ئاساسىي ئىسلاھاتىنى چىڭ تۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، مۇھىمى بىلەم مۇھىم ئەمەسلىرىنى ئېنىق ئايرىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، سىجىل كۈچەپ، تۈرلۈك ئۇل تۈزۈملەرنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئاساسىي رامكىسىنى ئورنىتىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە سىستېمىلىق ئىدىيەنى تۇرغۇزۇپ، شارائىتى يار بەرگەن جايلار ۋە ساھەلەردە ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى سىستېمىلىق توپلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يۇقىرى قاتلاملىق لايىھە ۋە يول خەرىتىسىنى ئىگىلەپ، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، مەركىزىي نىشانغا ئۈزلۈكسىز يېقىنلاشتۇرۇش كېرەك. بولۇپمۇ ئوخشاش ساھەلەرنىڭ ئىسلاھات تەدبىرلىرىدە ئالدى-كەينىنى ماسلاشتۇرۇشقا، ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇشقا، بىر پۈتۈن گەۋدە شەكىللەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئىسلاھاتلارنى ئومۇميۈزلۈك باھالاشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. خىزمەتلەرنى جۇشقۇن، پۇختا ئىشلەش، ئىسلاھاتنى ئۇزاققىچە بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى، مەركەز ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر