باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ ساھەسىدىكى ئەزا: مەكتەپتە يۈز بېرىدىغان زوراۋانلىقنىڭ قانۇن چېگراسى ۋە بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرى ئېنىق بولۇشى كېرەك

2016.03.14 14:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-مارت چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دا، 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4 - يىغىنى خەلق سارىيىدا 3 - قېتىم ئومۇمىي يىغىن ئاچتى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جوۋ چياڭنىڭ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتى توغرىسىدا بەرگەن دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. جوۋ چياڭ ئاياللار، بالىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغان جىنايەتچىلەرنى قاتتىق جازالاش ئۈستىدە توختالغاندا مۇنداق دېدى: « مەكتەپتە يۈز بەرگەن زوراۋانلىقنى قانۇن بويىچە جازالاش، مەكتەپنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش كېرەك». يىغىندىن كېيىن، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى گۇرۇپپىلار بويىچە مۇزاكىرە قىلغاندا، نۇرغۇن ئەزالار مەكتەپتە يۈز بەرگەن زوراۋانلىق توغرىسىدا ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى بايان قىلدى.

  مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى يۈەن گۈيرېن 8-مارت، مائارىپ ساھەسىدىكى بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا، مائارىپ مىنىستىرلىقى نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ ئېغىر بېسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى لى چاڭئەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىرىنچى سەپتە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شۇنداق مۇراجىئەت قىلىمەن. بىر پىسخولوگىيە مۇتەخەسسىسى ماڭا: «ئەگەر بالىلار ئۇزۇن مەزگىل زوراۋانلىق مۇھىتىدا تۇرسا، ئۇلارنىڭ نورمال ئۆسۈشىگە تەسىر يېتىدۇ. لېكىن زوراۋانلىق قىلغۇچى بالا ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئاتا-ئانىسىنىڭ تەربىيە ئۇسۇلى مۇۋاپىق بولمىسا، ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر بالىلار دۇنيا دۈشمەنلىك ۋە زىددىيەت بىلەن تولغان دەپ ئويلىسا، ئۇنداقتا ئۇ كەلگۈسىدە ئىجتىمائىي قائىدىگە سەل قاراپ، ئۆزى بىلگەن سەنەمگە دەسسەيدۇ، يەنە‹ ھالاۋەتنى تەڭ كۆرۈش› نى خاتا چۈشىنىپ، خاتا ئۇسسۇل ئارقىلىق دوستلۇقنى قوغدايدۇ، دېگەن ئىدى»

  لى چاڭئەن: مائارىپ مەسئۇل تارماقلىرىنىڭ مەكتەپتە يۈز بېرىدىغان زوراۋانلىققا قارىتا قانۇن چېگراسى ۋە بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرى ئېنىق بولۇشى كېرەك. مەكتەپتە يۈز بېرىدىغان زوراۋانلىققا، بوزەك قىلىشقا قارشى تۇرۇش مۇناسىپ قانۇنىنى تېزدىن ئوتتۇرىغا قويۇشى، مەكتەپتە يۈز بېرىدىغان زوراۋانلىققا، بوزەك قىلىشقا قارشى تۇرۇشتا ئاساسلىنىدىغان قانۇن بولۇشى كېرەك، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر