باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى خەلققە قولايلىق يېڭى تەدبىرلەرنى يولغا قويدى

ئولتۇراقلىشىش كىنىشكا ئىگىسى ئولتۇرۇشلۇق جايىدا شەخسىي ئىش بىلەن چېگرادىن چىقىش-كىرىش گۇۋاھنامىسى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ

2016.03.30 15:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ج خ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە: « ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى ۋاقىتلىق نىزامى»نى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئولتۇراقلىشىش كىنىشكا ئىگىسىنىڭ شۇ جاي نوپۇسىدا بولغان ئاھالىلەر بىلەن ئوخشاش چېگرادىن چىقىش-كىرىش ھوقۇق- مەنپەئەتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ج خ مىنىستىرلىقى 2016-يىلى 1-ئاپرېلدىن باشلاپ، مەملىكەت بويىچە ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى تۈزۈمىنى يولغا قويغان ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى شەھەرلەردە، ئولتۇراقلىشىش كىنىشكا ئىگىسى تۇرۇۋاتقان جايىدا شەخسىي ئىش بىلەن چېگرادىن چىقىش-كىرىش گۇۋاھنامىسىنى ئىلتىماس قىلىشقا بولىدىغان خەلققە قولايلىق، پايدىلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشنى قارار قىلدى.

  قارارغا ئاساسەن، ئولتۇراقلىشىش كىنىشكا ئىگىسى ئۆزىنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى، ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسىنى ئېلىپ، تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ چېگرادىن كىرىش - چىقىشنى باشقۇرۇش تارمىقىغا ئادەتتىكى پاسپورتنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، شياڭگاڭ-ئاۋمىن يول خېتى ۋە (شېنجېندا بىر يىل ئىچىدە كۆپ قېتىم « شەخسىي ساياھەت قىلىش»دەپ يېزىلغان بۇنىڭ سىرتىدا) دەپ يېزىلغان ھەم تەيۋەنگە بېرىپ-كېلىش يول خېتى ۋە ( تەيۋەنگە بېرىپ ئولتۇراقلاشقانلار بۇنىڭ سىرتىدا) باشقا ئىلتىماس قىلىش ماتېرىياللىرى شۇ جايدىكى نوپۇسىدا بولغان ئاھالىلەر بىلەن بىردەك بولۇشى لازىم.

  ج خ مىنىستىرلىقى ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى ئىگىسى تۇرۇشلۇق جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىشنى باشقۇرۇش تارماقلىرى نوپۇسقا ئېلىنغان جايدىكى ج خ ئورگىنىنىڭ چېگرادىن كىرىش- چىقىشنى باشقۇرۇش تارماقلىرىغا ۋاكالىتەن ئىلتىماس ماتېرىياللىرىنى قوبۇل قىلىدىكەن ھەم چېگرادىن كىرىش-چىقىش گۇۋاھنامىسىنى چىقىرىپ بېرىدىكەن. چېگرادىن كىرىش-چىقىش گۇۋاھنامىسىنى يەنىلا ئولتۇراقلىشىش كىنىشكا ئىگىسى نوپۇسقا ئېلىنغان جايدىكى ج خ ئورگىنىنىڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىشنى باشقۇرۇش تارماقلىرى تەكشۈرۈپ تەستىقلايدىكەن. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىشنى باشقۇرۇش تارماقلىرى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋېلىپ 30 كۈن ئىچىدە چېگرادىن چىقىش-كىرىش گۇۋاھنامىسىنى بېرىدىكەن. پاسپورت بېرىلمىگەنلەر قانۇن بويىچە نوپۇسقا ئېلىنغان جايدىكى مەمۇرىي جەھەتتىن قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلىش ياكى مەمۇرىي دەۋا قىلىش ھوقۇقى بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر