باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ چېخىيە زۇڭتۇڭى زېمان بىلەن سۆھبەتلەشتى

ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى جۇڭگو-چېخىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىدىغانلىقىنى ئورتاق جاكارلىدى

2016.03.30 16:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شۇ جاي ۋاقتى 29-مارت پراگادا چېخىيە زۇڭتۇڭى زېمان بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىجابىي باھا بېرىپ، جۇڭگو-چېخىيە مۇناسىۋىتى، جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتى، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى ھەمكارلىق ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، نۇرغۇن ساھەدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى جۇڭگو-چېخىيە مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈپ، جۇڭگو-چېخىيە مۇناسىۋىتىنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بىردەك قوشۇلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: چېخىيە جۇڭگونى ئەڭ بۇرۇن ئېتىراپ قىلغان ھەم يېڭى جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. ھازىر، جۇڭگو-چېخىيە مۇناسىۋىتى ياخشى مەزگىلگە قەدەم قويدى، تەرەققىيات ۋەزىيىتى ناھايىتى ياخشى، ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىرى ئىقتىساد-سودا قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى توغرىسىدا قۇيۇق ئالاقىلاشماقتا. جۇڭگو چېخىيە بىلەن بىر يولدا مېڭىپ، جۇڭگو-چېخىيە مۇناسىۋىتىدىكى ئاسان قولغا كەلمەيدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى قەدىرلەپ، جۇڭگو بىلەن چېخىيەنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەپ، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقتا يەنىمۇ كۆپ يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-چېخىيە دوستلۇقىنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

  زېمان مۇنداق دېدى: چېخىيە ۋە جۇڭگو خەلقى ئەنئەنىۋى دوستلۇققا ئىگە، ئىككى دۆلەتنىڭ سودا سېلىنمىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېز راۋاجلاندى. جۇڭگو ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىم ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق ھەمراھىغا ئايلاندى. چېخىيە جۇڭگو بىلەن بولغان سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرىكى سۈرۈشتىكى ئىجابىي رولىنى داۋاملاشتۇرۇش ھەم جۇڭگونىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىشىدىكى دەرۋازا ۋە قاتناش، ئەشيا ئوبوروتى، پۇل مۇئامىلە تۈگۈنىگە ئايلىنىشنى خالايدۇ.

  ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى نۇرغۇن مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، جۇڭگو-چېخىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، يەنىمۇ كەڭ ئورتاق مەنپەئەت ئۈستىدە ئىزدىنىش ئۈچۈن، يەنىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى بىردەك قارار قىلدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر