باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەركىن ئىمىرباقى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە زىيارەتتە بولدى

2016.03.30 15:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى فېدېراتسىيە خەلق پارلامېنتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو-ئەرەب دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى 26-مارتتىن 29-مارتقىچە ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە زىيارەتتە بولدى.

  ئەركىن ئىمىرباقى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ شىنجاڭ، شىزاڭ ۋە تەيۋەن قاتارلىق مەسىلىلەردە جۇڭگو تەرەپنى قەتئىي قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى « بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم قاتناشقۇچىسى. ئىككى دۆلەت 2012 -يىلى ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنىڭ نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولماقتا. جۇڭگو « 13-بەش يىللىق» يىرىك پىلانى پىروگراممىسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، يېڭىلىق يارىتىدىغان، ماسلىشىشچان، يېشىل، ئېچىۋېتىلگەن، ئورتاق بەھرىمەن بولۇدىغان تەرەققىيات ئىدىيەسى ئارقىلىق ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ.

  ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، «بىر بەلباغ ، بىر يول»نى پائال ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى، جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر