باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كاسترو ئوبامانىڭ زىيارىتىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، «ئامېرىكا جاھانگىرلىكىنىڭ سوۋغىسى ھاجەتسىز» دېدى

2016.03.30 15:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كۇبا ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى فىدىل كاسترو 28-كۈنى، كۇبا كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئورگان گېزىتى «گرانما گېزىتى» دە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى باراك ئوبامانىڭ كۇبانى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلىشىنى ئەسلەپ ئۆتۈپ، ئوباما سۆزىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كۇبانى قامال قىلىش جاۋابكارلىقىدىن ئۆزىنى قاچۇرغانلىقىنى تەنقىدلەپ، كۇباغا «ئامېرىكا جاھانگىرلىكىنىڭ سوۋغىسى»نىڭ لازىمى يوق، دېگەن.

  89 ياشلىق فېدىل كاسترو ئامېرىكىنىڭ ۋەزىپىدىكى زۇڭتۇڭىنىڭ 90 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان تۇنجى قېتىم كۇبادا زىيارەتتە بولۇشىغا قارىتا، تۇنجى قېتىم «قېرىندىشىم ئوباما» دېگەن تېمىدا «گرانما گېزىتى»دە ئۆزىنىڭ قارىشىنى ئېلان قىلغان.

  ماقالىدە، ئوباما كۇبادىكى ۋاقىتتا سۆزلىگەن نۇتقىدا «ھازىر دەل ئۆتمۈشنى ئۇنتۇيدىغان ۋاقىت بولدى» دېگەنلىكى تىلغا ئېلىندى.

  فېدىل كاستىرو: كۇبا خەلقى «رەھىمسىزلىك بىلەن 60 يىلغا يېقىن قامال قىلىندى»، نۇرغۇن كىشىلەر كۇباغا قارىتىلغان ياللانما قوشۇننىڭ ھۇجۇم سۈيقەستىدە ئۆلۈپ كەتتى، ھازىر ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ «ئۆتمۈشنى ئۇنتۇپ، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىش» دېگەن گەپلىرىنى ئاڭلاۋاتىمىز، مەن شۇنى تەسەۋۋۇر قىلالايمەنكى، بىز (كۇبالىقلار) ئىچىدىكى ھەرقانداق بىر ئادەم بۇ گەپنى ئاڭلىسا يۈرەك كىسىلى قوزغىلىپ قالىدۇ، دەپ يازدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر